مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ «ۋەتەنسىزلىك-قەدىرسىزلىك» ناملىق كىتابىنىڭ 6-بابىدىن
مېنى سولىغان كامېردىكى ئۇ ئىككى جىنايەتچى ئەنقەرەنىڭ پولاتلى ناھىيەسىدىن ئىكەن. بىرسىنىڭ ئىسمى يىلماز بولۇپ، جىنايىتى قاتىللىق ۋە لۈكچەكلىك ئىكەن. يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى خېلىل بولۇپ، جىنايىتى بۇلاڭچىلىق ئىكەن. بۇلار تۇتۇلۇپ يېتىۋاتقىلى ئۇزۇن يىللار بولغان جىنايەتچىلەر بولغاچقا، يوقلاپ كېلىدىغان تۇغقانلىرىمۇ زېرىكىپ، ئاساسەن كەلمەس بولۇپ قالغانىكەن. شۇڭا ئىقتىسادلىرىمۇ تۈگەپ، چېكىدىغان تاماكىسىنىمۇ ياندىكى كامېردىن قەرز ئېلىپ چېكىپ تۇرغان ئىكەن. مېنىڭ كىرىشىم ئۇلارغا بايرام بولغاندەك خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. بۇ كامېر ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ، ئۈستى ياتاق، ئاستى تەرىپى مۇنچا، ھاجەتخانا ۋە تاماق يەيدىغان ئۇرۇن ئىكەن. ئۇلار مېنىڭ قانداق جىنايەت بىلەن كىرگەنلىكىمنى ئۇققاندىن كېيىن مېنى ماختاپ قويغان بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار خېلى ئۇزۇنغىچە كۇسۇرلىشىپ ئولتۇردى. مەن بەك ھېرىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ ئۇخلىدىم.
ئەتىسى ئەتىگەن سائەت سەككىز بىلەن 6-5 ساقچى كىرىپ، بىزنى قاتار تىك تۇرغۇزۇپ قويۇپ، يان تەرەپتىكى بىر تۆمۈر ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ چىقىپ كېتىشتى. يان تەرىپىدە ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر، كەڭلىكى 3 يېرىم مېتىرچە كەلگۈدەك بىر سەيناسى بولۇپ، ساقچىلار ئەتىگەندە بۇ سەينانىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىپ كەچتە تاقايدىكەن. سەينانىڭ تاملىرى ئەڭ ئاز دېگەندە ئالتە مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، ئۈستى تەرەپتە يەنە ئامېرىكىنىڭ دات باسمايدىغان پولاتتىن ياسالغان تىكەنلىك سىم بار ئىكەن. ھەممە تۈرمىلەرنىڭ كامېرلىرىدا مۇشۇنداق سەينا بولۇپ، بۇ جاي جىنايەتچىلەرنىڭ دەم ئالىدىغان ئورنى ئىكەن. سەينانىڭ ئاستى تەرىپىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى سەل پەسرەك بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا يامغۇر سۈيى ئېقىپ كېتىدىغان ئېرىقنىڭ ئاغزىغا 30 كىۋادرات سانتىمېتىر ئەتراپىدا كەلگىدەك تۆشۈكلۈك تۆمۈر تاختا بېكىتىلگەنىكەن.
تۈرمە شۇنداق مۇستەھكەم بولۇپ، قاتتىق باشقۇرۇلىدىكەن. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ جىنايەتچىلەر باشقا كامېردىكى جىنايەتچىلەر بىلەن ئاجايىپ ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرىدىكەن.
مېنىڭ ئۇ ئىككى ھەمراھىمدىن بىرسى بولغان يىلماز ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىنلا ئاستى كېسىۋېتىلگەن كىچىك پىلاستىك سۇ قۇتىسىنىڭ ئىچىگە كونا گېزىتلەرنى كەپلەپ تىقىپ تولدۇرۇپ، مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى، كىملىكىمنى، جىنايىتىمنى بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىپ، ئۇ بوتۇلكىدىكى گېزىتنىڭ ئىچىگە قىستۇرۇپ، سەينا تېمىنىڭ ئۈستىدىكى تىكەنلىك سىمنىڭ ئۈستىدىن ئارتىلدۇرۇپ، يان تەرەپتىكى كامېرنىڭ سەيناسىغا ئاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن سەينانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆشۈكلۈك تۆمۈر تاختىنىڭ ئۈستىگە بىر قانچىنى قاتتىق تېپىپ بولغاندىن كېيىن ئاغزىنى تۆمۈر تاختىغا يېقىپ: «تېلېفون» دېدى. بىرقانچە سېكۇنت ئىچىدە ئۇ تۆمۈر تاختىنىڭ ئاستىدىن بىرسىنىڭ: «ھە، نېمە گەپ بار؟» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ مېنىڭ ئەھۋالىمنى دېدى. يان تەرەپكە ئېتىلغان بوتۇلكىمۇ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن كامېردىن كامېرغا ئېتىلىپ، نەتىجىدە مېنىڭ خەۋىرىم بىر سائەت ئىچىدە پۈتۈن تۈرمىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ باردى. مەن بولسام ھەيرانلىقىمدا قاراپ تۇردۇم.
شۇنداق قىلىپ مېنىڭ تۈرمىگە كىرگەن 2- كۈنۈمدىن باشلاپ باشقا بىرقانچە كامېردىكى جىنايەتچىلەر ئارقا- ئارقىدىن «مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇرنى بىزنىڭ كامېرغا بېرىڭلار» دەپ تۈرمە ساقچىلىرىغا ئىلتىماس سۇنۇپتۇ. بۇ ۋاقىتتا يىلماز ماڭا:
- سېنى باشقا كامېردىكىلەرگە تونۇشتۇردۇق، بىزگە بەش قاپتىن مارىلبورو تاماكا سۆيۈنچە بېرىسەن، - دېدى. مەن ئارتۇق گەپ قىلماي ماقۇل دېدىم. ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى ياخشى ئىدى. ئەمما «توك چەينەك ئالساڭ، چەينىكىمىز بۇزۇلۇپ قالغاچقا نەچچە كۈندىن بۇيان چاي ئىچەلمىدۇق. بىر تېلېۋىزور ئالساڭ...» دېگەندەك تەلەپلىرى چىقىپ تۇراتتى. مەن بولسام ئۇلارغا:
- مەن سىلەردەك پۇل تاپمايمەن، شۇڭا ئارتۇق پۇلۇم يوق، بولسا تەڭ خەجلەيمىز،- دەپ قوياتتىم. بۇ جەرياندا ساقچىلار مەن ئۇ قىزىل كۇنۇپكىنى باسمىساممۇ پات - پات كېلىپ، مېنى كارىدورغا باشلاپ چىقىپ:
- بىرەر ئەھۋال بارمۇ، بىزگە دەيدىغان گېپىڭ بارمۇ؟ - دەپ سوراپ تۇردى. يىغىپ ئېيتقاندا ساقچىلار ماڭا باشتىن-ئاخىر ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇردى. بەلكىم شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇئامىلىسى خېلىلا نورمال بولدى. 4-3 كۈندىن كېيىن بىر قانچە ساقچى كېلىپ ماڭا:
- مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر، سېنى پالانى، پوكۇنى كامېردىكىلەر بىز بىلەن تۇرسا دەپ تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، سەن بۇنىڭغا قارىتا نېمە دەيسەن،- دېدى. مەن:
- مەن بۇ جاينىڭ شارائىتىنى ياخشى بىلمەيمەن، شۇڭا سىلەر قانداق ئورۇنلاشتۇرساڭلار مەيلى،- دېدىم. ئۇلار ئەتىسى كېلىپ:
- سەن بۇ كامېردا تۇرىۋېرىدىغان بولدۇڭ،- دېدى. دېمەك، بۇ ئىككى ھەمراھىم تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەر ئىچىدە ئەڭ تۈزۈكرەكى بولسا كېرەك.
10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى (دۈشەنبە) ئايالىم بەش ياشلىق قىزىم مۇيەسسەرنى ئېلىپ مېنى يوقلاپ كەپتۇ. ئەمما بۈگۈن جىنايەتچىلەرنى كۆرۈشتۈرىدىغان كۈن ئەمەس ئىكەن. شۇڭا ساقچىلار ئايالىمغا:
- بۈگۈن كۆرۈشتۈرىدىغان كۈن ئەمەس،- دەپتۇ. كېيىن بىر ساقچى ئايالىمنىڭ بويۇن قىسىپ تۇرغانلىقىغا قاراپ، كىمنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى سوراپتۇ. ئايالىم مېنىڭ ئىسمىمنى دېگەندىن كېيىن دەرھال:
- بىردەم ساقلاپ تۇر، - دەپ كىرىپ كېتىپ كۆپ ئۆتمەي چىقىپ ئايالىم بىلەن قىزىمنى تۈرمىگە باشلاپ كىرىپتۇ. كېيىن تۈرمە ساقچىلىرى كېلىپ ماڭا:
- ئايالىڭ بىلەن قىزىڭ كەپتۇ، - دەپ باشلاپ ئېلىپ چىقتى. مەن ئايالىمنىڭ بۇ تۈرمىنى قانداق تېپىپ كەلگەنلىكىگە ھەيران قالدىم. بىز كۆرۈشۈپ بىر-بىرىمىزگە تەسەللىي بەردۇق. قىزىم «ۋاي دادا» دەپ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى. قولۇمغا ئېلىپ بىردەم ئويناتتىم. ئۇنىڭ ھېچ ئىشتىن خەۋىرى يوق ئىدى. ئايالىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەن تۇتۇلغاندىن كېيىن تولۇق قوراللانغان 10-8 ساقچى ئۆيگە كېلىپ، ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپتۇ. تامدىكى بايراقتىن تارتىپ رەسىمگە تارتىپ بولغاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان بېنزىن، پىلىك ۋە كومپيۇتېرنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. ساقچىلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئەركىن ئەمەت ئۆيگە تېلېفون قىلىپ، مېنىڭ ئەھۋالىمدىن خەۋەردار قىپتۇ ۋە ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىنى قوشۇپ، 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى «مەمەت تۇرسۇن خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىغا بومبا ئاتقان» دېگەن ماۋزۇدا خەۋەر ئىشلەپ، «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى»دا خەۋەر قىپتۇ.
بىز كۆرۈشۈپ يېرىم سائەت بولغاندا تۈرمە ساقچىسى: ۋاقىت توشتى،- دېدى. مەن ئايالىم ئېلىپ كەلگەن كىيىملەرنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئايالىم ۋە قىزىم بىلەن خوشلاشتىم. بۇ ۋاقىتتا قىزىم ماڭا ئېسىلىپ مەڭزىمگە بىر قانچىنى سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن پىلتىڭلاپ يۈگۈرۈپ، ئاپىسى بىلەن يەنە بىر ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى. مەن ئۇ ئۆيدىن چىقىپ تۈرمە كارىدورىغا كىردىم. شۇنىڭدىن كېيىن تۈرمىنىڭ ئىشىكى جاراقشىپ، ناھايىتى سەت ئاۋاز چىقىرىپ تاقالدى.
چۈشتىن كېيىن «ئادۋوكاتىڭ كەلدى» دەپ يەنە ئېلىپ چىقتى. مەن تۇتۇلغاندىن كېيىن خەيرۇللا ھاجىم، مەمەت ئىمىن (ھېيتاخۇن مەمتىمىن)لەر مەن ئۈچۈن خاقان ئاشىق (Hakan Aşik) دېگەن بىر ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشكەنىكەن. بىزنى بىر ئىشخانىدا ئايرىم كۆرۈشتۈردى. بۇ جەرياندا خاقان ئاشىق ماڭا «دوستلىرىڭ سالام يوللىدى» دەپ 200 لىرا پۇل بەردى.
10- ئاينىڭ 8- كۈنى (پەيشەنبە) بۇ تۈرمىنىڭ ئىچىدە دۇكان بولۇپ، ھەر دۈشەنبە كۈنى كىم نېمە لازىم بولسا يازدۇرىدىكەن. نېمە يازدۇرغان بولسا شۇ ئادەمنىڭ ھېسابىدىكى پۇلدىن تۇتۇۋالىدىكەن. ھەر پەيشەنبە كۈنى دۇكانچى سېتىلغان مالنى مال باھاسى يېزىلغان قەغەز بىلەن بىرلىكتە ئەكېلىپ بېرىدىكەن. مەن تۇنجى قېتىم 88 لىرالىق مال سېتىۋالدىم.
مەن ھەمراھلىرىم بولغان يىلماز بىلەن خېلىلغا تاماكا، شاكىلات، پېچىنە دېگەندەك نەرسىلەردىن ئايرىپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن، قالغان نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ، يېنىمدىكى دۇئالار يېزىلغان ۋاراقنى ئېلىپ ئىچىمدە ئوقۇپ ئولتۇردۇم. بۇ ۋاراقنى ئايالىم ئېلىپ كەلگەن كىيىمنىڭ ئىچىدىكى بىر كۆڭلەكنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويغانىكەن، ساقچىلار ئېلىۋالماپتۇ. كېيىن خېلىل يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ:
- مەن تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن «كۆك بايراق» دېگەن ژۇرنالدىن 100 دانە سېتىۋېلىپ، بىلىمگە تاپانچامنى ئېسىپ، 8 - 7 ئادىمىمنى ئەگەشتۈرۈپ شەھەر ئايلىنىپ، دۇكاندارلارغا ژۇرنال سوۋغا قىلىش ئارقىلىق، 50 - 100 لىرادىن پۇل يىغىپ دەرنىكىڭلارغا ياردەم قىلىمەن، - دېدى. مەن خېلىلغا:
- سەن بۇنداق قىلساڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئېغىر زىيان سالىسەن...- دېدىم. بىز شۇنىڭدىن كېيىن خېلى ئۇزۇن ئەھۋاللىشىپ ئولتۇردۇق. ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن يىلماز خېلىلنىڭ يېنىغا كېلىپ، خېلىلغا مېنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ:
- ئىككىمىز بۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسەك، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ناھايىتى كۆپ مۇكاپات ئالىمىز،- دېدى. خېلىل:
- ئۇنداق قىلساق ئۆمۈر بويى تۈرمىدە ياتىدىغان گەپ،- دېدى. يىلماز:
.....
خېلىل بىر خىل قىياپەتتە گەپ قىلماي ئولتۇردى. يىلماز ئارقىدىن ماڭا قاراپ تۇرۇپ:
- بىزگە بەش مىليارد دوللار بەرسىمۇ سېنى ئۆلتۈرمەيمىز. سېنىڭدەك دۆلىتى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدىغان، ھەر نامازدىن كېيىن يېرىم سائەت زىكرى ئېيتىپ، دۇئا قىلىپ ئولتۇرىدىغان ئادەمگە ھەرگىز چېقىلمايمىز،- دېدى.
بۇ تۈرمىنىڭ بىز ئولتۇرىدىغان قىسمى 20 كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئوتتۇرىدا 80 سانتىمېتىر كەلگىدەك تۆت چاسا بىر پىلاستىك شىرە بار ئىدى. بىز داۋاملىق بۇ شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ، ئارىلىقىمىز بەك بولسا بىرەر مېتىر كېلەتتى. بۇ گەپلەر بولۇنۇۋاتقاندا بىز ئاشۇ پىلاستىك شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرغانىدۇق. مەن ئۇ ئىككىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قاتتىق ھەيران قالدىم.
«بۇلار ئويغاق ۋاقىتتا قول سالسىغۇ بىر گەپ بولار، ئەمما ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىمدا قول سالسا؟ ئى ئاللاھ! ئۆزلىرى ساقلىغايلا، ئۆزۈمنى ئۆزلىرىگە تاپشۇردۇم».
10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى (شەنبە) ئۈچىمىز پاراڭلىشىپ ئولتۇرىمىز. يىلماز پو دېگەننى ئېتىپ تۇرىدۇ. ئۇ تېخى 3-2 كۈن بۇرۇن: «بۈگۈن چوقۇم قىزىم نەۋرەمنى ئېلىپ يوقلاپ كېلىدۇ» دەپ ياسىنىپ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئەينەككە نەچچە قېتىم قارىغانىدى. قىزى كەلمىگەندىن كېيىن بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي، ھاجەتخانىغا نەچچە قېتىم كىرىپ، يېشىنى ئېيتىپ، يۈزىنى يۇيۇپ چىققانىدى. بۈگۈن بولسا ئۇ ھالىدىن ئەسەر يوق.
تۈرمىنىڭ تاماقلىرى ئۈچ ۋاخ بولۇپ ياخشى ئىكەن. ئەتراپتىن تۈركىيەدىكى كوممۇنىست پارتىيەلەردىن بىرسى بولغان «ئىنقىلابىي خەلق ئازادلىق پارتىيەسى - فىرونتى» (قىسقارتىلما ئىسمى DHKPC) ئەزالىرىنىڭ باشلىقىغا ئەگىشىپ رىتىملىق توۋلاۋاتقان شوئارلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن ئۇلارنىڭ شوئارىنى ئاڭلاۋېتىپ، ئۈچ كۈن بۇرۇن بولغان بىر ۋەقەنى ئويلاپ قالدىم.
ئۈچ كۈن بۇرۇن تۈرمە ساقچىلىرى مېنى ئېلىپ چىقىپ، بىر ئىشخانىغا ئېلىپ كىردى. «قاچان تۇغۇلغان، كەسپىڭ نېمە، تۈركىيەگە قاچان كەلگەن...» دېگەندەك نەدە تايىنى يوق نەرسىلەرنى سوراپ قويۇپ يوقاپ كېتىشتى. ئوتتۇرىدا يالغۇز ئۆرە تۇرىمەن. يان تەرەپتە سەل قاراڭغۇراق ياكى چىراغلىرى يېقىلمىغان يەنە بىر ئىشخانا بار ئىكەن. مەن باشتا ئۇ ئىشخانىنى كۆرمەپتىمەن. كېيىن پەنجىرىدىن قارىسام، ئۇ ئىشخانىدا 3-2 ھەربىي گېنېرال بىلەن ساقچى باشلىقلىرى مېنى ئىشارەت قىلىشىپ سۆزلىشىۋېتىپتۇ. دېمەك، مەن بۇ ھەرىكىتىم ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ خېلى يەرلىرىگىچە تەسىر كۆرسەتكەنىدىم.
تۈرمە ساقچىلىرى بىردەمدىن كېيىن مېنى قايتۇرۇپ ئېلىپ ماڭدى. بۇ ۋاقىتتا باشقا تۈرمە ساقچىلىرى 22 ياشلاردا بار بىر ياشنى ئالدىغا سېلىپ ئېلىپ كېلىۋاتقانىكەن، دوقۇرۇشۇپ يېنىدىن ئۆتۈپ ماڭدۇق. ئۇ ياش ئاشۇ ھالەتتە كېلىۋېتىپمۇ پەرۋايى پەلەك ھالدا: «ياشىسۇن ماركسىزم! ياشىسۇن لېنىنىزم...» دەپ توختىماي شوئار توۋلاپ كېلىۋاتاتتى. مەن بۇ ئەھۋالنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ۋە ئەتراپتىكى كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىنىڭ توختىماي رىتىملىق توۋلاۋاتقان شوئارلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ: «ئەگەر بىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابچىلىرىمىزدا مۇشۇ كوممۇنىستلاردا بولغاندەك ئۆز دەۋاسىغا بولغان ئىشەنچ ۋە روھ بولىدىغان بولسا، خىتاي بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە قانچە ئاي پۇت دەسسەپ تۇرالا» دەپ ئويلاپ ئىچ-ئىچىمدىن پۇچىلىنىپ كەتتىم.
بۇ ۋاقىتتا يىلماز قولىدىكى گېزىتنى تەڭلەپ: «ئوقۇ» دەپ خىيالىمنى بۆلۈۋەتتى. «خەۋەر تۈرك» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا خىتاي: «108 ئۇيغۇرنى سوتلايمىز» دەپتۇ. دېمەك، مەن بۇ يەردە 109-ئۇيغۇر بولغۇدەكمەن.
10-ئاينىڭ 11-كۈنى (يەكشەنبە) بۈگۈن 12-10 تۈرمە ساقچىسى تەكشۈرۈپ كەلدى. نورمالدا كۆپ بولسا 8-7 تۈرمە ساقچىسى كېلەتتى. ئۇلاردىن بىرسى يېنىدىكىسىگە مېنى كۆرسىتىپ: «ئۇيغۇر بۇمۇ؟» دەپ سورىدى.
.....
10-ئاينىڭ 12-كۈنى (دۈشەنبە) يىلماز 39 ياش بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئايالىنىمۇ ئېتىپ ئۆلتۈرۈپتىكەن (تاپانچامدىن تاسادىپىي ئوق چىقىپ كەتكەن دېدى). گەپ-سۆزلىرىدىن قارىغاندا، ئەخلاقىي جەھەتتىنمۇ بەك رەزىل ئىكەن. بۇنىڭ جىنايىتى تۈگەيدىغانغا بىر يىل قاپتۇ. خېلىل دېگىنىمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ قېلىشمايدىكەن. پەرقى يىلمازدەك تولا سۆزلەپ پو ئاتمايدىكەن. بۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىسام دەپ بەرمەي، پەقەت: «بىز كېچىنىڭ ئادىمى» دېيىشتى. كېچىدە ئاجايىپ ئادەملەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى، ئۇزۇن چاچلىق ئەرلەر، قىسقا چاچلىق ئاياللار، خوتۇن كىشىدەك ياسىنىپ يۈرىدىغان ساقچىلار، پۇللا بولسا، ھەر خىل قوراللار... دېگەندەك يېرىم يۇمىلاق گەپلەرنى قىلىپ ئەمەلىي ئەھۋالىنى دەپ بەرمەيتتى.
يىلماز بەزى ۋاقىتتا مېنىڭ بەك نېرۋامغا تېگەتتى. ئۇ بۈگۈن رادىيودىن ئالتە ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئاغزى ئېچىلىپلا كەتتى:
- نېمىشقا ئۆزۈڭ يالغۇز ھەرىكەت قىلىسەن؟ نېمىشقا دۆلىتىڭ مۇنقەرز بولغان كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭگە ئوخشاش نىيەتتىكى 15-10 ئادەم ئۇچرىشىپ قالمايسىلەر؟ شەرقىي تۈركىستاندا سەندىن باشقا ئادەم يوقمۇ؟ 10-8 خىتاينى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئىنقىلاب بولامدۇ؟ بۇنداق ھەرىكەتلەر ئوخشىمىغان جايلاردا ھەر كۈنى بولۇپ تۇرۇشى كېرەك. تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادى يوق دەيسەن. تۈركىيەدە 300 مىڭ ئۇيغۇر بار دەيسەن. ھەر ئادەم ئايدا 10 لىرادىن پۇل بەرسىمۇ ئۈچ مىليون لىرا بولمامدۇ، ئۇ ۋاقىتتا پۇلۇڭلار بولغاندىن كېيىن، قىلىدىغان ئىشلارنى ئۆزۈڭلار قىلالمىساڭلار پۇل ئارقىلىق قىلدۇرمامسىلەر. بىر ئايدا 10 لىرا بېرەلمىگەن ئۇيغۇرنى ھېچ نەرسە قىلمامسىلەر؟ ئايلىقىمغا ئىككى مىليون لىرا بەرسەڭلار، ھەرقانداق ئىشقا مانا مەن تەييار. بۇنداق كىچىك ئىشلار بىلەن ۋەتىنىڭنى قانداق ئازاد قىلىسەن؟ سەن زادى نېمىشقا ئۆزۈڭ يالغۇز ھەرىكەت قىلىسەن...- دەپ توختىماي سۆزلەپ كېتەتتى. بەزىدە بىر مۇشت بىلەن شالاققىدە قويۇپ، تۇمشۇقىنى ئۇچۇرۇۋەتكۈم كېلىپ كېتەتتى. يەنە بەزىدە خېلىل گەپنى باشقا ياققا بۇرىۋېتەتتى.
10- ئاينىڭ 15-كۈنى (پەيشەنبە)، بۈگۈن يىلماز بىلەن مېنى تەڭلا باشقا تۈرمىگە يۆتكەشكە ئۇقتۇرۇش كەپتۇ. بۇ مېنىڭ تۈرمىدىكى 15-كۈنۈم ئىدى. مېنى «سىنجان ل تىپتىكى 1 نومۇرلۇق بىخەتەرلىكى يۇقىرى يېپىق تۈرمە» (sincan L tipi 1 nolu yüksek güvenlikli kapalı cezaevi) دېگەن تۈرمىگە، يىلمازنى مۇشۇ خىل تۈرمىنىڭ 2 نومۇرلۇقىغا يۆتكىمەكچى ئىكەن. ئىككىمىزنىڭ قولىغا ئايرىم-ئايرىم كويزا سېلىپ، بىر ماشىنا بىلەن ئېلىپ ماڭدى.
.....
بىزنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنا ل-1 تۈرمىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، مېنى چۈشۈرۈپ قويۇپ، يىلمازنى ئېلىپ كەتتى. تۈرمە ساقچىلىرى مېنى يېڭى تۈرمىگە ئېلىپ كېلىپ ئۆتكۈزۈپ بەردى. مەن خېلى ئۇزۇن ساقلىغاندىن كېيىن تۈرمە ساقچىلىرى مېنى ئېلىپ قاتمۇقات تۆمۈر رېشاتكىلىق ئىشىكلەردىن، ئېلېكتىرونلۇق ئىشىكلەردىن ۋە تەكرار-تەكرار تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتكۈزۈپ، A-2 نومۇرلۇق كامېرغا ئېلىپ كېلىپ سولىدى. بۇرۇنقى تۈرمىنىڭ كارىدورى 1.20 مېتىر ئەتراپىدا ئىدى. بۇ تۈرمىنىڭ 3 مېتىر كېلىدىكەن. كىرسەم 6-5 ئادەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانىكەن، ئۇلارغا سالام بەردىم. يېشى چوڭراق بىرسى بىر ياشنى ماڭا جاي كۆرسىتىپ بېرىشكە بۇيرىدى.
بۇ تۈرمىنىڭ ياتىقىمۇ ئىككى قەۋەت بولۇپ، بۇرۇنقى تۈرمىنىڭكىدىن چوڭ ئىكەن. 2-قەۋەتتە 5 ياتاق، 1-قەۋەتتە 2 ياتاق بولۇپ، جەمئىي 7 ياتاق، ھەر ياتاقتا 3 تىن بولۇپ جەمئىي 21 كىشىلىك ئىكەن. 1-قەۋەتتە يەنە بىرقانچە ھاجەتخانا، مۇنچا ۋە قول يۇيۇش ئورنى بولۇپ، كىچىك بىر تېلېۋىزورمۇ بار ئىكەن. يان تەرىپىدە خۇددى بۇرۇنقى تۈرمىگە ئوخشاش سەيناسى بار ئىكەن. سەينا تېمىنىڭ ئۈستىگە چۆرىدەپ تارتىلغان تىكەنلىك سىم بۇرۇنقى تۈرمىنىڭكىدەك ئامېرىكىنىڭ بولسىمۇ، يۆگەلگەن ھەجمى سەل كىچىك، چىشلىرىمۇ شالاڭ ۋە قىسقىراق ئىكەن. مەن 1-قەۋەتتىكى 01 نومۇرلۇق ياتاققا ئورۇنلاشتىم.
شۇنداق قىلىپ مېنىڭ ل-1 تىپلىق يەنە بىر تۈرمىدىكى ھاياتىم باشلاندى.
داۋامى بار...