خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى گۇمان ئىچىدە باشلاندى

شەرقىي تۈركىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن ئۆتۈپ، ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول پىلانى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى بۇ تۈرگە گۇمان بىلەن قارىماقتىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 5-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى 20 يىللىق سۆھبەتتىن كېيىن، خىتاي، شەرقىي تۈركىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن ئۆتۈپ، ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول پىلانى رەسمىي باشلانغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى بۇ تۈرگە يەنىلا گۇمان بىلەن قاراۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر مەزكۇر تۆمۈر يولنىڭ ئۆز رايونىغا ئىقتىسادىي پايدىسى بولىدۇ، دەپ قارايدىكەن. 

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر تۆمۈر يول كېلىشىمى ئالدىنقى ئايدا ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان. بۇ كېلىشىمدە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قاتناش مىنىستىرلىقىدىن قۇرۇلۇشنى باشلاشتىن بۇرۇن كېلەر يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بۇ تۈرنى باھالاشنى تاماملاش تەلەپ قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ تۈرگە تەخمىنەن 4 مىليارد 500 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغان. بۇ يېڭى يول پۈتۈپ قالسا، شەرقىي تۈركىستاندىن ياۋروپا قۇرۇقلۇقىغا ئۆتۈش ئۈچۈن رۇسىيە ۋە قازاقىستانغا تايىنىشنىڭ ئورنىنى باسالايدىكەن. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى غەربنىڭ موسكۋانى جازالىشىغا سەۋەب بولغانلىقتىن، بۇ يولنىڭ راۋانلىقى مۇھىم سىياسىي مەسىلە بولۇپ قالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1070 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2022 17:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق