ئالما شىركىتى خىتايدىن چېكىنىشنى تېزلەتتى

ئالما شىركىتى يېقىنقى مەزگىللەردە خىتايدىن چېكىنىشنى تېزلەتكەن بولۇپ، ھىندىستاندىن ئىشلەنگەن ئالما يانفونلىرىنىڭ ئېكسپورتى شىددەت بىلەن ئاشقان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 4-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستاندا ئىشلەنگەن ئالما يانفونلىرىنىڭ ئېكسپورت قىممىتى ئۆتكەن ئالتە ئاي ئىچىدە بىر مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنە ماگناتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى خىتايدىن تەدرىجىي يۆتكەش تىرىشچانلىقىنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى ئىكەن.

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ يەنە بەزى مەنبەلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان ئايفوننىڭ ئاساسلىقى ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرققە قىلغان ئېكسپورتى بۇ يىل 4-ئايدىن 2023-يىلى 3-ئايغىچە بولغان 12 ئايدا 2 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇنداق بولغاندا ئالدىنقى 12 ئايدىكىگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە ئاشقان بولىدىكەن.

بۇ يىل 4-ئايدىن 8-ئايغىچە ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان يانفون تىپلىرى ئاساسلىق ئايفون 11، 12، 13 قاتارلىقلار ئىكەن. ئۇندىن باشقا ئالدىنقى ھەپتە ئالما شىركىتىنىڭ ھىندىستاندىكى زاۋۇتى ئەڭ يېڭى ئايفون 14 ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 8-ئايدا خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تەمىنلىگۈچىسى بولغان لىشۈن سانائەت چەكلىك شىركىتى ۋە ئالما يانفونلىرىنى قۇراشتۇرىدىغان خۇڭخەي گۇرۇھى ئالما شىركىتىنىڭ خاتىرە كومپيۇتېرلىرى ۋە ئالما سائەتلىرىنى ۋىيېتنامنىڭ شىمالىدىكى مەلۇم بىر جايدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغان.

ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتايدىكى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا يولغا قويۇلغان سىياسەت سەۋەبلىك، تۆت مىليارد دوللاردىن سەككىز مىليارد دوللارغىچە زىيان تارتقانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ ئايفون، ئايپەد ۋە خاتىرە كومپيۇتېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ %90 تىن كۆپرەكى فۇشىكاڭ گۇرۇھى قاتارلىق شىركەتلەر تەرىپىدىن خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىپ كەلگەن.

تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، كەسىپنىڭ توپلىنىش ئۈنۈمىگە ئاساسەن، ئەگەر ئالما شىركىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۆتكەلسە، مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ تەمىنلەش زەنجىرى خىتايدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1014 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2022 17:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق