ئۇيغۇر ئايال: بىزنى ئېلىپ چىقىپ ئېتىۋېتىڭلار

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايىتى داۋاملىشىۋاتقىنىغا ئىككى ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، بىراق خىتاي رېجىمى ھەرخىل ئۇسۇللار قامالنى داۋاملاشتۇرماقتا. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بولسا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق جاندىن تويغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە. 

3-ئۆكتەبىر تارقالغان بىر سىندا بىر تۇرپانلىق ئۇيغۇر ئايال خىتاينىڭ نەزەربەند قىلىش، ئاچ قويۇش، دوختۇرخانىغا ئالماسلىق قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئېتىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ سىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. 

مەزكۇر سىندا ئۇيغۇر ئايال ئۆزىنىڭ بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان قامالدا جاندىن تويغانلىقىنى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئېتىۋېتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۆزلىرىنىڭ ئىككى ئايدىن بېرى ئۆيگە قامىلىپ ياتقانلىقىنى، ئۆزلىرى كۈنلۈك ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان ئائىلە بولغاچقا، ئىقتىسادتىن قىينالغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭغا ئىگە بولىدىغان ئەمەلدارنى تاپقىلى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە 8-ئايدا ئۈچ كۈن ئاچ قالغانلىقىنى، ئالدىنقى ئايدىمۇ ئاچ قېلىپ، مەھەللە كومىتېتىنىڭ ئۈندىدار توپىدا «بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى سوراپ يېمەكلىك ئەكېلىپ بېرىدىغان بىرەرسى يوقمۇ؟» دەپ ئۇچۇر يازغانلىقىنى، ئەمما باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۇنى توپتىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى، نەتىجىدە بەش كۈن ئاچ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئۇيغۇر ئايال سىندا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پۇقرالارنى مال-چارۋىلارغا ئوخشاش سولاپ قويغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ نۆۋەتتە جان تالىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق قىينىغاندىن ئېلىپ چىقىپ ئېتىۋەتسە ياخشىراق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

نۆۋەتتە خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان قامالنى تېخىچە ئەمەلدىن قالدۇرمىغان. 2-ئۆكتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان غۇلجىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئاشكارىلانغان بىر سىندا ئېيتىلىشىچە، گەرچە خىتاي مۇخبىرلارغا قامالنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە قامالنى بوشاتمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1370 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2022 17:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق