«سەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۆتۈرە ئالغانمىدىڭ؟»

«سەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۆتۈرە ئالغانمىدىڭ؟»

 

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ «ۋەتەنسىزلىك-قەدىرسىزلىك» ناملىق كىتابىنىڭ 6-بابىدىن

 

ئەتىگەن سائەت ئالتە بىلەن باشلانغان سوراق بىرەر سائەتتىن كېيىن تۈگىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلار مېنى ئىختىيارىمغا قويۇۋەتتى. بىر قانچە ساقچى سائەت سەككىزلەر بىلەن چاقىرىپ تاماق بەردى. مەن ئۇ ساقچىلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېدىم. شۇنىڭدىن كېيىن كەچكىچە ساقچىلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ناماز ئوقۇپ، ئارام ئېلىپ كۈننى ئۆتكۈزدۈم.

كەچ سائەت 17:00 دە بەش ساقچى ھېلىقى ئاق مىنىبۇس بىلەن مېنى 11-ئېغىر جازا مەھكىمىسىگە ئېلىپ كەلدى. كېيىن ئۇقسام 11-ئېغىر جازا مەھكىمىسى تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئېغىر جىنايەتچىلىرىنى سوتلايدىغان جازا مەھكىمىسى ئىكەن. بۇ جەرياندا ماڭا ھۆكۈمەتتىن ئاجرىتىپ بەرگەن 30 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئادۋوكات قىز كېلىپ ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى. سوتخانىدا باشقا جىنايەتچىلەرنىڭ سوتى ئېچىلىۋاتقان بولغاچقا، بىز ساقلاپ تۇردۇق. باشقا ساقچىلارمۇ ئايرىم-ئايرىم بەش-ئالتە جىنايەتچىنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىدا كويزا بار ئىدى. ساقچىلار كۈتۈپ تۇرۇش جەريانىدا ئۆزلىرى ئېلىپ كېلىشكەن جىنايەتچىلەرنى: «سېنىڭ نېمىش قىپتۇ، سېنىڭچۇ؟» دەپ سوراشتى. كېيىن مېنى ئىشارەت قىلىشىپ:

- ئۇ نېمىش قىلىپتۇ، نېمىشقا كويزا سالمىدىڭلار؟- دەپ سوراشتى. مېنى ئەكەلگەنلەر ئۇ ساقچىلارغا:

- بۇ ئاخشام خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېنزىن بومبىسى ئېتىپ، 3-قەۋىتىنى كۆيدۈرۈۋېتىپتۇ،- دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان باشقا ساقچىلار ئۆزئارا: «راستمۇ؟ ئاپىرىن، تاپقان دادىسىغا رەھمەت،- دېيىشىپ كەتتى.

سوتچىلارنىڭ نورمال خىزمەت ۋاقتى 18:00 دە ئاخىرلىشىدىكەن. ماڭا 18:30 دا نۆۋەت كەلدى. مېنى سوراققا تارتىدىغان سوتچى 60 ياشلاردا بولۇپ، نۆۋەتچى سوتچى ئىكەن. بەش ساقچى بىلەن ئادۋوكات قىز مېنى چوڭ ۋە خېلىلا ھەيۋەتلىك سوت زالىغا ئېلىپ كىردى. بۇ ۋاقىتتا سوتچى سوتخانىنىڭ ئايرىم ئىشىكىدىن كىرىپ ئولتۇرىدىغان ئورنىغا قاراپ كېلىۋاتقان ئىكەن. ئادۋوكات قىز ئادۋوكاتلار كىيىدىغان مەخسۇس تونىنى كىيەي دەۋاتسا، سوتچى ئۇ قىزغا قاراپ ئاچچىق ئارىلاش:

- قىزىم، ئۇ توننى كىيمە،- دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلارغا قاراپ:

- ئىشىكنى تاقاڭلار،- دېدى. ئۇ سوتچى بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقىنىڭ يېنىغا ئەمدى كەلگەن بولۇپ، تېخى ئولتۇرمىغانىدى. سوتچى ئورنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ماڭا:

- مەھمەت ئۇيغۇر (مەمەت تۇرسۇن)! سەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۆتۈرە ئالغانمىدىڭ؟! نېمىشقا سېنىڭدىن باشقا ئادەم يوق؟! مەن يېرىم سائەتتىن بېرى پۈتۈن تورلارنى تەكشۈرۈپ، خەۋەرلەرنى كۆرۈپ چىقتىم. سېنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېنزىن بومبىسى ئاتقانلىقىڭ توغرۇلۇق ھېچقانداق خەۋەر يوق،- دېدى.

يۈرىكىم شۇنچىلىك سىقىلدى. پۈتۈن ۋۇجۇدۇم قىزىپ، كۆيۈپ كەتكەندەك بولۇپ، بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ كەتتىم. چۈنكى سوتچىنىڭ: «مەھمەت ئۇيغۇر! سەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۆتۈرە ئالغانمىدىڭ؟! نېمىشقا سېنىڭدىن باشقا ئادەم يوق؟!» دېگەن گېپى جان-جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ئويلاپ باقسام، مەن ھاياتىمدا بۇنىڭدەك ئۆتكۈر، بۇنىڭدەك ئېغىر گەپ ئاڭلىمىغانىكەنمەن. كاشكى، بۇ سوتچى ماڭا بۇنداق دېگۈچە، تاپانچىسىنى چىقىرىپ ۋاڭ قىلىپ ئېتىپلا تاشلىغان بولسا بولماسمىدى.

بۇ ۋاقىتتا سوتچىنىڭ مۇئامىلىسىدىن چۆچۈپ كەتكەن ئادۋوكاتىممۇ تېخى بىر يېڭىنى ساپقان تونى بىلەن قېتىپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى. بەش ساقچىمۇ ھودۇقۇشۇپ، سوتخانىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا دۆۋىلىشىپ قالغانىدى.

سوتچى ئۇ سوئالىدىن كېيىن ماڭا كۆزەينىكىنىڭ ئۈستىدىن تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ:

- ھە، مەھمەت ئۇيغۇر! ئەمدى ماڭا نېمە دەيسەن؟-دېدى. مەن بەك تەستە ئۆزۈمنى ئوڭشاپ:

- مەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىغا ئىشىنىمەن، قانۇندا نېمە دېسە باشقا پىكرىم يوق،- دېدىم. سوتچى:

- ئۇنداق بولسا بېرىپ يات!- دېدى. ئادۋوكاتىم بولغان قىزمۇ، ساقچىلارمۇ بىر ئېغىز گەپ قىلمىدى. سوت مەھكىمىسىدىكى سوئال-سوراق تەخمىنەن 15 مىنۇت ئەتراپىدا داۋام قىلدى. سوتخانىدا بولۇنغان بارلىق گەپنىڭ ھەممىسى بۇلاردىن ئىبارەت.

شۇنىڭدىن كېيىن سوتچى بىر نەرسىلەرنى يېزىپ، بىر ساقچىنى چاقىرىپ قولىغا بەردى. بۇ ۋاقىتتا مەن قارىسام، ساقچىلارنىڭ ھەممىسى تېخىچە ئىشىك تۈۋىدە دۆۋىلىشىپ ئۆرە تۇرۇپتۇ. ئادۋوكات قىزنىڭ تونىمۇ بىر مۈرىسىدە قالغان ھالەتتە ئىكەن. سوتچى مېنى «سىنجان 1-نومۇرلۇق ف تىپتىكى بىخەتەرلىكى يۇقىرى يېپىق تۈرمە» (Sincan 1 Nolu F Tipi Yüksek Güvenlikli Kapalı Cezaevi) دېگەن تۈرمىگە يوللاپ بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلار مېنى ئېلىپ، يەنە شۇ ئاق مىنىبۇس بىلەن تۈرمىگە ئېلىپ ماڭدى. كېيىنچە ئۇقسام، بۈ تۈرمە تۈركىيەدىكى خەلقئارالىق ئۆلچەم بويىچە ياسالغان، ئەڭ ئېغىر جىنايەتچىلەرنى سولايدىغان 1-دەرىجىلىك تۈرمە بولۇپ، تۈركىيەدە بۇ خىل تۈرمىدىن پەقەت مۇشۇ بىرسىلا بار ئىكەن.

ساقچىلار مېنى ئېلىپ يېرىم سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن، ماشىنىسىنى يول بويىدا توختاتتى. ئىككى ساقچى بىر دۇكاندىن شاكىلات، پېچىنە دېگەندەك بىر قانچە خىل يېمەكلىك ۋە فانتا قاتارلىق سوغۇق ئىچىملىك ئېلىپ كېلىپ، ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئالدىمغا داستىخان سېلىپ مېنى مېھمان قىلدى. ئۇلار بىردىن-بىردىن ئالدىمغا كېلىپ، قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ:

- مەھمەت ئۇيغۇر، بۇ پىداكارلىقىڭ ئۈچۈن سېنى مىڭلىغان خەلق يىغىلغان مەيداندا مۇكاپاتلاش كېرەك ئىدى، ئەمما بىز سېنى تۈرمىگە ئېلىپ كېتىۋاتىمىز. ھەرقانداق دۆلەتنىڭ سىياسىتى بولىدۇ، سەن ئۆز ئۈستۈڭگە چۈشكەن ۋەزىپەڭنى ئادا قىلغاندەك، بىزمۇ ۋەزىپىمىزنى ئورۇنلىدۇق. چۈنكى ئۈستىمىزدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساقچى كىيىمى. شۇڭا سېنىڭ بىزنى توغرا چۈشىنىشىڭنى ئۈمىد قىلىمىز...-دەپ مەندىن كەچۈرۈم سورىدى ۋە قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتىشتى. مەن ساقچىلارنىڭ بۇ ئالىيجاناب ھەرىكىتىدىن ھەقىقەتەن بەك تەسىرلەندىم. كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياش چىقىپ كەتتى. ئۇ ساقچىلارنىڭمۇ بەزىلىرىنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى.

تۈرمە ئالدىغا كەلگەندىن كېيىن ساقچىلارنىڭ ھەممىسى مېنى مەھكەم قۇچاقلاپ كۆرۈشۈپ خوشلاشتى. بىر ساقچى مېنى تۈرمىنىڭ يوغان قارا ئىشىكىدىن ئېلىپ كىرىپ، ئوڭ تەرەپتىكى بىر ئىشخانىغا باشلاپ كىرىپ، ئارخىپىم بىلەن مېنى ئىشخانىدىكى مەسئۇل ساقچى باشلىقىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇ ئادەم بىز كىرگەندە ئىشخانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇرغان ھالدا باشقا بىرسىنىڭ ئارخىپىنى كۆرۈۋاتقانىكەن، ئۇ ئادەم بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي تۇرۇپ مېنى ئېلىپ كىرگەن ساقچغا:

- بۇ نېمىش قىپتۇ؟- دەپ سورىدى. مېنى ئېلىپ كىرگەن ساقچى تۈرمە ساقچىسىغا:

- بۇ تېگى شەرقىي تۈركىستانلىق تۈرك ۋەتەندىشى بولۇپ، تۈنۈگۈن كەچتە خىتاينىڭ باش ئەلچىخانىسىغا بېنزىن بومبىسى ئېتىپ، 3-قەۋىتىنى كۆيدۈرۈۋېتىپتۇ،- دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئۇ ساقچى باشلىقى ماڭا شۇنداق قارىغاندەك قىلدى. ئارقىدىن يەنە بېشىنى بۇراپ قارىدى. كېيىن قولىدىكى ئارخىپنى يېپىۋېتىپ، بېشىمدىن ئايىغىمغىچە باشقىدىن تەپسىلىي سەپسېلىپ چىقتى.

كېيىن تۈرمە ساقچى باشلىقى مېنى قاتمۇقات تۆمۈر ئىشىكلەردىن ئۆتكۈزۈپ بىر كامېرغا ئېلىپ كەلدى. بۇ كامېر ئۈچ كىشىلىك بولۇپ، مەن كىرسەم باشقا ئىككى جىنايەتچى بار ئىكەن. مېنى ئېلىپ كەلگەن ساقچىلار ماڭا تۈرمە ئىشىكىنىڭ يېنىدىكى بىر قىزىل كۇنۇپكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن:

 

- مەھمەت ئۇيغۇر! ئەگەر دىتىڭغا ياقمايدىغان بىرەر ئىش يۈز بەرسە، دەرھال بۇ كۇنۇپكىنى باس. بىز ئەڭ كېچىكسەك بىرقانچە سېكۇنت ئىچىدە كېلىپ بولىمىز،- دەپ چىقىپ كېتىشتى. شۇنداق قىلىپ مېنىڭ تۈرمىدىكى ھاياتىم باشلاندى.

بۇ خەۋەر 1093 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2022 16:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق