14-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 5-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى 2-ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدا باشلىنىپ، 4-ئۆكتەبىر غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.
3-ئۆكتەبىر، يەنى يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىنكى بىرىنچى مەجلىستە ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئاياللارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلىرى» تېمىسىدا توختالدى ۋە ئاياللارنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھەم بۈگۈنى، ھەم كېلەچىكى ئۈچۈن رولىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، قىلىشقا تېگىشلىك كونكرېت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئارقىدىن ئادۋوكات مەھمۇد نەدىم سۇئىچمەز «ئىستىخبارات ھەرىكىتى ۋە بىخەتەرلىك قوغدىنىش مېتودلىرى» ھەققىدە توختالدى ۋە ئىستىخباراتنىڭ نېمىلىكى، ئىسلام مەنبەلىرىدىكى ئىستىخبارات ساھەسىگە ئالاقىدار مەزمۇنلار، خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەر ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
كېيىن ئابدۇللاھ سەرەنلى ئەپەندى «ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ كېلەچىكى» تېمىسىدا توختىلىپ، ھەرقانداق بىر ئىجتىمائىي تەشكىلاتتا بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەتلەر، كەسپىيلىشىش، ئىستراتېگىيە تۈزۈش، پىلانلىق ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق نۇقتىلارنى يورۇتۇپ بەردى.
ئارقىدىن دوكتور ئابدۇللاھ ئالىم «تەشكىلىي ئاپپاراتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىسلاھات يۈرگۈزۈش مېتودلىرى» دېگەن تېمىدا توختىلىپ، ھەرقايسى جەمئىيەتلەر ئۈچۈن مۇھىم مەلۇمات بەردى.
ئارقىدىن ت ر ت ئۇيغۇرچە بۆلۈمى خادىمى ژۇرنالىست مىركامىلجان قەشقەرىي «ئۆزگىرىۋاتقان يېڭى دۇنيا كۈنتەرتىپىدە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلەر» تېمىسىدا توختىلىپ، نۆۋەتتىكى پۇرسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئارقىدىن ئالپەرەن ئوجاقلىرى رەئىسى كۈرشات مىجان ئەپەندى يىغىن ئەھلىگە سالام بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەر دائىمقىدەك شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن رەھمەتۇللاھ ئىنايەتۇللاھ ھاجىم تەبرىك سۆزى قىلىش بىلەن بىرگە، يىغىن ئەھلىگە بۇ ئۇچرىشىشقا مۇناسىۋەتلىك پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئارقىدىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ھەرخىل سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى ۋە تۈرلۈك تېمىلاردىكى مۇنازىرىلەر بىلەن ئاياغلاشتى.
4-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن 14-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 5-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ خۇلاسە دوكلاتى ئوقۇلۇشتىن بۇرۇن، تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىلىرىدىن ئەھمەد سەلىم كۆرئوغلى ۋە ئايخان ئوگان ئەپەندىلەر يىغىنغا قەدەم تەشرىپ قىلدى ۋە پىرېزىدېنت ئەردوغان ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن تۈركىيەگە قەدەم تەشرىپ قىلغان مېھمانلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرۋاقىت شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇ دەۋانىڭ پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، تۈركىيەنىڭمۇ دەۋاسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ياشلار مەركىزى مەسئۇلى ئابدۇسەمى خوتەن تۈركىيەدىكى قايمۇققان ياشلارنى قۇتۇلدۇرۇش، تەربىيەلەش جەھەتتە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى ۋە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى سۆزلەپ ئۆتتى. يىغىن باشقۇرغۇچىلىرى بۇ مەسىلىنىڭ جىددىيلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، نەق مەيداندىلا ياشلار مەركىزى ئۈچۈن ئىئانە توپلاشقا چاقىرىق قىلدى. يىغىن ئەھلىنىڭ تەشكىلات ياكى شەخس نامىدا پۇل ئىئانە قىلىشى بىلەن، قىسقىغىنا يېرىم سائەت ئىچىدە زور مىقداردا ئىقتىساد توپلاندى.
ئاخىرىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە يىغىنغا قاتناشقان، روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن جاپالىق خىزمەت قىلغان بارلىق تەشكىلات، شەخسلەرگە رەھمەت ئېيتتى ۋە ھەرقايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىغا ھەدىيە تەقدىم قىلدى. يىغىن نىياز داموللا ھاجىم باشچىلىقىدىكى ئوپچە دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر