گۇگېل شىركىتى تۈرلۈك بېسىملار سەۋەبلىك، تەرجىمە ئەپ دېتالى ۋە تور كۆرگۈچنىڭ خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇگېل شىركىتى 3-ئۆكتەبىر ئىشلىتىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبلىك خىتايدىكى گۇگېل تەرجىمە مۇلازىمىتىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا ماگناتى بولغان گۇگېلنىڭ خىتاي بازىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئاز ساندىكى مۇلازىمەتلىرىدىن يەنە بىرىنى چېكىندۈرۈشى ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكا تور شىركەتلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىچىدىكى رىقابەت، خىتايدىكى تېخىمۇ قاتتىق بەلگىلىمە، قاتتىق تەكشۈرۈش مېخانىزمى ۋە تىجارەت قىلىشنىڭ كۈنسېرى قىيىن بولۇشى سەۋەبىدىن خىتايدىن كەڭ كۆلەمدە چېكىنىپ چىقىش دولقۇنى كېلىپ چىققان.
گۇگېل شىركىتى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، گۇگېلنىڭ تەرجىمە ئەپ دېتالى ۋە تور كۆرگۈچى خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى توختاتقان. تور نۇسخىسىدىكى گۇگېل تەرجىماننى ئاچقاندا، خوڭكوڭ نۇسخىسىدىكى گۇگېل تەرجىمان ئېچىلىدىكەن. ئەمما خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئابۇنىتلار تام ئاتلاش دېتالى ئىشلەتمىسە، خوڭكوڭدىكى بۇ تور بېكەتنى زىيارەت قىلالمايدىكەن.
گۇگېل شىركىتى 2010-يىلى خىتاي رېجىمىنىڭ ئىزدەش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئىزدەش ماتورى كەسپىنى خىتايدىن چېكىندۈرگەن. ئەمما گۇگېل يەنىلا خىتاي بازىرىدىكى كەسپىنى كېڭەيتىش ئۈمىدىدە بولغان بولۇپ، 2017-يىلى گۇگۇل خىتاي ئابۇنىتلىرىنى گۇگېل تەرجىمە ئەپ دېتالىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى بىلەن تەمىنلىگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي رېجىمى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرىگە، بولۇپمۇ تېخنىكا ساھەسىگە تېخىمۇ زور دەرىجىدە كونتروللۇقنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ قاتتىق بەلگىلىمە چىقارغان.
گەرچە ئامېرىكا تور شىركەتلىرى خىتاي بازىرىدىن كەڭ كۆلەمدە چېكىنگەن بولسىمۇ، بىراق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە يەرشارى ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا غەرب شىركەتلىرى خىتايدا داۋاملىق زور پايدا ئالغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، بەزى سەزگۈر يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى كۈچەيتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ