ھىندىستان خىتايغا قارشى ئېگىز ھاۋا بوشلۇقىدىن ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئېلان قىلدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان 3-ئۆكتەبىر ئۆزى ياسىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېگىز ھاۋا بوشلۇقىدىن ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە تىك ئۇچارنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئايروپىلانلار ئاساسلىقى ھىمالايا تېغى قاتارلىق ئېگىز جايلاردا ئىشلىتىلىدىكەن.
ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىنگى(Rajnath Singh)ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى جودپۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ھىندىستان ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى (HAL) ئىشلەپچىقارغان تىك ئۇچارنىڭ ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ بىر مۇھىم پەيت، بىز پەخىرلىنىدىغان بىر ئىش، بۇ 20 يىللىق جاپالىق ئىشلەشنىڭ نەتىجىسى» دېگەن. مەسئۇللارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئايروپىلان 4875 مېتىر ئېگىزلىكتە سىناق قىلىنغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ھىندىستان قورال مەنبەسى جەھەتتە رۇسىيە ۋە باشقا تەمىنلىگۈچىلەرگە تايىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر يېنىك تىپتىكى ھەربىي تىك ئۇچار بۇ ساھەدىكى يەنە بىر ئابىدە دەپ قارىلىدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان مۇستەقىل مۇداپىئە سانائىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىلا تۇنجى ئىشلەپچىقارغان ئاۋىياماتكىسىنى ئېلان قىلغان. رۇسىيەنىڭ 2-ئايدا ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ھىندىستاننىڭ كەلگۈسىدىكى رۇسىيەنىڭ قورال ۋە زاپچاسلار بىلەن تەمىنلىشىگە بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىغان. شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدە قورال-ياراغ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىنى باشلىشىغا تۈرتكە بولغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ