فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي باياناتچىسى 2-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا گېرمانىيە پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «تەيۋەن خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن سۆزلىرىنى تەكرارلىغان. گېرمانىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋىلىس بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، خىتاينىڭ مۇبالىغە قىلىنغان تەرىقىدە ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى ئالتە پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن ئالتە كىشىلىك گېرمانىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 2-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە تەيۋەنگە يېتىپ بېرىپ قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان ۋە بەش كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان. ئۇلار بۇ جەرياندا تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋىن ۋە شۇنداقلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنت، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاتارلىق ئالىي ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەن.
تەيۋەندىكى جىددىيچىلىك يېقىنقى مەزگىللەردە تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنى پېلوسىنىڭ ئاۋغۇستتا قىلغان تەيۋەن زىيارىتى ئارال ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي تەيۋەنگە قارىتىلغان ھەربىي بېسىمنى كۈچەيتكەن بولۇپ، تەيۋەن بوغۇزىغا ئۇرۇش پاراخوتى ۋە ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ