ياپونىيەدە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش داۋام قىلماقتا

30-سېنتەبىر ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ياپونىيە پارلامېنتىدا لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمقاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلىشگۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، 50 كە يېقىن مۇخبىرلارنىڭ قاتنىششى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنۋە ئايرىم ئايرىم توققۇز قانالنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. 

1 - ئۆكتەبىر كۈنى يەنە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دوستى ياپونلارنىڭقاتنىشىشى بىلەن خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى ئىككى سائەتلىك كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، توكيوكوچىلىرىدا ئىككى سائەتتىن كۆپرەك يۈرۈش قىلغان. 

ئارقىدىن يەنە ياپونىيەدىكى مۇھىم قاناللاردىن بىرى بولغان ئابېما قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقخانىم قاتارلىقلار خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يېقىندا دۇنيا ئاشكارىلىنىپ كېتىپ قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ساقچى ھۆججىتىنىئاساس قىلغان ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتكە قاتناشتى ۋە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى ۋە ئۇيغۇر خەلقنىڭ ياپونىيەدىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1020 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2022 02:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق