ئافغانىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى

خىتاي تالىبانلار ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنى قۇرغان بىر يىلدىن بېرى دىپلوماتىك ئالاقىسىنى قاتتىق كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما تالىبان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان. 

يېڭى ئاكىت گېزىتىنىڭ 27-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىدىن تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك، خىتاي ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئافغانىستانغا ۋەدە قىلغان مەبلەغ سېلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن پاناھلانغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا بەرمەسلىكتە چىڭ تۇرغان.

«مېپا خەۋەرلىرى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئافغانىستان سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھان كان كوزاي خىتايغا مۇناسىۋەتلىك قىلغان باياناتىدا: «نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرى كېلىپ، بىز بىلەن سۆزلەشتى، ئىزدەنگەندىن كېيىن يوقاپ كەتتى. بۇ كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ» دېگەن.

ھان كان كوزاي خىتاينىڭ سالماقچى بولغان مەبلەغنى ۋاقتىنچە توختىتىشتىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ كەسكىن ھالدا: «ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىك ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتتە پاناھلانغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە ئىش قىلمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئىلگىرى رايوندا تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا يول قويمىغان. خىتاي ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى بىلەن پەقەت مىس كان ئېچىش ئۈچۈنلا ئۈچ مىليارد دوللارلىق كېلىشىم تۈزگەن. بۇ خىلدىكى نۇرغۇن كېلىشىم تېخىچە ئىشقا ئاشمىغان بولۇپ، ئىجرا قىلىنىشنى كۈتۈۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي يېقىندا كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىگە ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 1996-يىلدىن 2001-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي تالىبانلارغا يۇقىرىقىغا ئوخشاش نۇرغۇن شەرتلەرنى قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسلام ئەمىرلىك ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەلىپىنى قوبۇل قىلمىغان. خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش پىلانىمۇ ئىشقا ئاشمىغان. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1475 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2022 02:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق