خىتاينىڭ كېسەللەرنى داۋالىماي تاشلىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايىتى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلگەندىن كېيىن، خىتاي رېجىمى داۋام قىلىپ كەلگەن ئادىتى بويىچە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، رېئال ۋەزىيەتنىڭ ئەكسىچە يالغان تەشۋىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، خىتاينىڭ «نەچچە مىڭ پىدائىيلارنى ئىشقا سېلىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالدۇق ۋە داۋالىدۇق» دېگەن تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.  

2-ئۆكتەبىر تارقالغان بىر سىندا مەلۇم دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان ياشانغان ئۇيغۇر ئەر-ئايال كۆرسىتىلگەن بولۇپ، سىنغا ئالغۇچى ئانىسى ۋە دادىسىنىڭ كېسەل سەۋەبلىك تاماق يېيەلمىگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ گېلىدىن تاماق ئۆتمىگەنلىكىنى، دوختۇرلار ئۇلارنىڭ ياخشىلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، ئەمما كېسەلنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبلىك تاماق يېيەلمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىنى، خىتاي بۇ دوختۇرخانىنى ياخشى داۋالايدۇ دەپ تەشۋىق قىلغىنى بىلەن، كېسەلنى داۋالىماي تاشلاپ قويۇپ، ئۆلۈمنى كۈتۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئىجرا قىلغان قامالنى تېخىچە ئەمەلدىن قالدۇرمىغان. 2-ئۆكتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان غۇلجىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئاشكارىلانغان بىر سىندا ئېيتىلىشىچە، گەرچە خىتاي مۇخبىرلارغا قامالنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق 1-ئۆكتەبىر كۈنىگىچە قامالنى بوشاتمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1473 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2022 02:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق