خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش تۈرىنى كۆپەيتتى

خىتاي بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش نامىدا، تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن 3-قېتىملىق يېڭى تۈرنى باشلىغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4-لىنىيەسى» تۈرلىرىدە ئىش باشلاش مۇراسىمىنى 28-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە سىنلىق يىغىن تەرىقىسىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مۇراسىمغا ما شىڭرۈي، قورچاق ئەمەلدارلاردىن ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار قاتناشقان. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا شۇ كۈنى ئىش باشلانغان ئىككى چوڭ تۈرنىڭ بىرى بولغان ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش يۈرۈشلەشكەن توك مەنبەسى» تۈرىدە ئاساسلىقى نەچچە مىليون كىلوۋاتلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك دەرىجىدىن تاشقىرى كىرىتىك ۋاسىتىلىك ھاۋا ئارقىلىق سوۋۇتۇلىدىغان كۆمۈر يېقىلغۇلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ۋە يانداش ئەسلىھەلەر قۇرۇلىدىكەن. قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر يىلى يېڭىدىن 24 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەت يېشىل توك كۆپەيتكىلى بولىدىكەن. ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 ـ لىنىيەسى» تۈرىدە ئاساسلىقى 1745 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى ياسىلىدىغان بولۇپ، بۇ گاز تۇرۇبىسى گەنسۇ، نىڭشيادىن ئۆتىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇش 2024-يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەنگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھىم، زور تۈرلەرنى 3-قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا، قۇمۇل، تۇرپان، كورلا، قەشقەر قاتارلىق مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بېرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى توك كەمچىل بولۇش ئېھتىياجىنى قامداش مەقسىتىدە، شەرقىي تۈركىستاندا كۆمۈر ئارقىلىق توك چىقىرىش ئورۇنلىرىنى كېڭەيتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى خىتايغا توشۇشنى تېزلەتكەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى تەڭشەپ ئىقتىدارىنى 1 مىليون 800 مىڭ كىلوۋات ئاشۇرغان، شۇنداقلا 186 تۈرلۈك توك توختىتىش پىلانىنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىر تورى سىرتقا يەتكۈزىدىغان توك مىقدارىنى 300 مىليون كىلوۋات سائەت كۆپەيتكەن.

ئالدىنقى مەزگىللەردە خىتاي ئاۋسترالىيەدىن زور مىقداردا كۆمۈر ئىمپورت قىلىدىغان بولۇپ، ئاۋسترالىيەنى جازالاش مەقسىتىدە قوللانغان ئىمپورت چەكلىمىسى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ بىر نەچچە ئۆلكىسىدە ئېغىر توڭ توختاپ قېلىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. توكنىڭ تەننەرخىمۇ ئېشىپ، توك بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىك ئەھۋالىغا دۇچ كەلگەن. بۇ سەۋەبلىك خىتاي كۆمۈر ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنىمۇ كۈچەيتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1449 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2022 02:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق