14-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى 5-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنى 2-ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدا رەسمىي باشلاندى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھەر يىلى مۇنتىزىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلق ئۇچرىشىشى دۇنيانىڭ ھەرقايىسى جايلىرىدا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئۆلىمالار، ئاكادېمىكلار، زىيالىلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى ۋە قاتنىشىشى بىلەن يىلدىن يىلغا يۇقىرى سەۋىيەدە داۋام قىلماقتا.
بۇ يىللىق قېرىنداشلىق ئۇچرىششى ۋە مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللامنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق شېھىتلەرنىڭ روھىغا فاتىھە ئوقۇش ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى.
ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بارلىق ۋەكىللەر ۋە مېھمانلارغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسىنىڭ نۆۋەتتە قايسى باسقۇچقا كەلگەنلىكى، دەۋا يولىدا بېسىپ ئۆتكەن باسقۇچلار، قىيىنچىلىقلار، ھەل قىلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر قاتارلىق تېمىلاردا تەپسىلىي توختالدى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ شەرقىي تۈركسىتاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تولۇق قولغا ئېلىش ئۈچۈن توختاۋسىز ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىمنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدىن كېيىن دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلق ئۇچرىشىشى ۋە شەرقىي تۈركسىتان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ 14 يىللىق مۇساپىىسىنى ئىپادىلەپ بەرگەن قىسقا فىلىم مېھمانلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھارماس قوللىغۇچىسى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 23-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزاسى، پىروفېسسور دوكتور جەلال ئەرباي سۆز قىلدى ۋە يۇقىرىدىكى فىلىمدىن ئالغان تەسىراتىنى سۆزلەپ ئۆتۈپ، شەرقىي تۈركىستاننى چوقۇم قايتۇرۇپ ئېلىشقا ۋەدە بەرگىنىچە سۆزىنى باشلاپ، دەۋانىڭ قەيەردىن قەيەرگە كەلگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ھەر ۋاقىت شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى، ھەرگىز ئۈمىدسىزلىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار بۇ دەۋانىڭ قۇرغۇچىسى ۋە يولباشچىسى بولغان مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمغا رەھمەت تىلەش بىلەن سۆزىنى باشلاپ، رەھبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە مۇھاجىرەتتىكىلەرنىڭ كۈتۈۋاتقان ئۈمىدلىرى، بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنىڭ نۆۋەتتە مۇشۇ رەھبەرلەرنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكى قاتارلىق مەزمۇنلاردا توختالدى.
ئارقىدىن ئافغانىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى مۇھەممەت ئاقبەي سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پەقەتلا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئافغانىستان تۈركلىرىنىڭ، ئۆزبېكلەرنىڭ، قازاقلارنىڭ، قىسقىسى پۈتۈن تۈرك قەۋملىرىنىڭ ئورتاق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ چوقۇم مۇستەقىل بولىدىغانلىقىنى، بۈگۈن بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىپ، بۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلدى ۋە ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ سالىمىنى يوللىغاندىن كېيىن، نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ قايسى باسقۇچقا كەلگەنلىكى، قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەر، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەزىيەت يارىتىش ۋە باشقۇرۇش دەۋرىگە كەلگەنلىكى ۋە بۇنى قىلالايدىغانلىقى، بۇنداق بىر دەۋردە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەكلىكى قاتارلىق تېمىلاردا توختالدى.
ئارقىدىن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن سۆز قىلدى ۋە ئالدى بىلەن شىۋېتسىيەدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سالىمىنى يوللاش بىلەن بىرگە، مائارىپ ھەرىكىتى بىلەن بىرلىكتە باسقان قەدەمنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز سۆز قىلدى ۋە ياۋروپا مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ۋە گوللاندىيەدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، يىللاردىن بېرى ھەمكارلىق ئىچىدە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلەر، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ھەققىدە توختالدى.
ئارقىدىن تۈركىيەدىكى ئاخبارات ساھەسىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈۋاتقان ژۇرنالىست، يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىز ئەپەندى سۆز قىلدى ۋە تېخى يېقىندىلا قازاقىستان زىيارىتىدە بىر شەرقىي تۈركىستانلىق ئائىلە بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەر بىلەن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەھشىي سىياسىتىنىڭ ئۇنىڭ ۋەيران بولۇش ئىشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە ئاللاھتىن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆرمەي تۇرۇپ جېنىمنى ئالما» دەپ تىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسى ئۈچۈن ھەر بىرەيلەننىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە بىلدۈردى.
كېيىن فىنلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى دوكتور مۇھەممەد ئەلى، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى رەئىسى سالاھىدىن تۇرسۇن، پاكىستان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقفى رەئىسى ئۆمەرخان ئۇيغۇر قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سالىمىنى يوللاش بىلەن بىرگە، قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەر ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بەردى.
ئارقىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مۇھاجىرلارغا ۋاكالىتەن دوكتور ئابدۇللاھ ئالىم سۆز قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا 1940-يىللاردىن باشلاپ ھىجرەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن كېلىشىچە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەۋا سېپىدىكىلەرنىڭ خىزمەتلىرىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ۋە ھەردائىم ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كېيىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن مىر نەشرىياتى رەئىسى ئەلشىر خەلىلوف سۆز قىلدى ۋە قازاقىستاندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سالىمىنى يوللىدى ۋە نۆۋەتتە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، پائالىيەتلىرى، خىزمەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
ئارقىدىن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن پېشقەدەم پائالىيەتچى روزىمۇھەممەد ھاجىم سۆز قىلىپ، قىرغىزىستاندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سالىمىنى يوللاش بىلەن بىرگە، بۇ يىغىندا ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلىدى ۋە نۆۋەتتىكى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن تۈركىيەدىن باشلاپ ياۋروپاغىچە بولغان ئەركىن دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرغان ئاساستا، ئەركىن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنى ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىدا قانات يايدۇرۇشنىڭ ئۇسۇل-چارىلىرى ھەققىدە توختالدى ۋە ئەرەب دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەنى خەلق ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ پوزىتسىيەسى دەپ ئىككىگە ئايرىش كېرەكلىكىنى ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
كېيىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەرەب-ئىسلام دۇنياسى ۋەكىلى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇرىي سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئەرەب دۇنياسىغا تونۇتۇشتا قىلىنغان ۋە قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەر، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى باسقۇچتا قىلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلەر ھەققىدە دوكلات سۇندى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنكى يىغىندا ئالدىن بىلەن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ماھىيىتى، ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەھشىي قىرغىنچىلىقى ئاستىدا بېرىلىۋاتقان قۇربانلىقلار، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىلچىلىك باش ئەگمەستىن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مۇجادىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان يىقىلغان بۇيان يۈز بەرگەن پاجىئەلەر قاتارلىق تېمىلاردا توختالدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي سۆز قىلىپ، چەت ئەلدە كۈچەيگەن دەۋانىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ۋەتەندە قۇربان بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتە چەت ئەلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلاردىن ئاكتىپ پايدىلىنىشنىڭ يوللىرى ۋە ھازىرغا قەدەر خەلق دىپلوماتىيەسى ھەرىكىتىدە قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىلەر ھەققىدە توختالدى.
ئارقىدىن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە خىتاي» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قانداق پايدىلىنىش ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى مەسئۇلى نىجات تۇرغۇن «غەرب دۆلەتلىرىدە قىلىشقا تېگىشلىك تەشكىلىي خىزمەتلەر» ھەققىدە تەپسىلىي توختالغاندىن كېيىن، ھەرقايسى تەشكىلاتلاردا سادىر بولۇۋاتقان ئۇقۇم ئىشلىتىشتىكى خاتالىقلارنىڭمۇ چوقۇم تۈزىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى بىرىنچى باسقۇچلۇق يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىن ئابدۇللاھ ئارماننىڭ قۇرئان تىلاۋىتى باشلانغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم سۆز قىلىپ: «ئىسلامىي نۇقتىئىنەزەردىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» تېمىسىدا توختالدى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى سۆز قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ قىزىل سىزىقلىرى ۋە ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلىرى» تېمىسىدا توختالدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلىپ: «مىللىي مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقنى قوغداشنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئەھمىيىتى» تېمىسىدا توختالدى.
ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كېلەچىكى» تېمىسىدا توختالدى.
يازغۇچى، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى ئابدۇرېھىم دۆلەت سۆز قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئەھدە روھى» تېمىسىدا توختالدى ۋە ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بەردى.
ئارقىدىن IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى مەسئۇللىرىدىن يۇسۇف بىلگىن سۆز قىلىپ، جەمئىيەت رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىمنىڭ سالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، بۇ قېتىملىق يىغىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
خەلق دىپلوماتىيەسى مۇتەخەسسىسى مۇستاپا تۇتقۇن سۆز قىلىپ، «خەلق دىپلوماتىيەسى ۋە خەلقئارادا ھوقۇق كۈرىشى» تېمىسىدا توختالدى.
ئارقىدىن دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي سۆز قىلىپ، «سىياسىي كۈرەش ئەھدىنامىسى» تېمىسىدا توختالدى.
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىسى ئادىلجان ئەرئۇيغۇر «تۇيغۇداشلىق ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋايىمىز» تېمىسىدا توختىلىپ، تەپسىلىي مىساللار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىك نۇقتىلىرىنى يورۇتۇپ بەردى.
ئارقىدىن قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا مائارىپ ھەرىكىتى» تېمىسىدا توختىلىپ، تۈركىيەدە ۋە خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كۈچلىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇۋاتقان ۋە كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچى ۋە نىشانى، شۇنداقلا بۇنىڭ پەقەت بىر جەمئىيەت ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدىكى بارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدىغان بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
14-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركسىتانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 5-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى زىچ ۋە مۇھىم تېمىلار بىلەن داۋاملاشماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر