دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 73 يىللىق ئىشغالىيەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

1-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 73 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، جۈملىدىن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە شەھەرلىرىدە، شىۋېتسىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىگە ۋە نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر نامايىشقا مىڭدىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقى، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، شۇنداقلا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. نامايىشچىلار شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ھالدا «خىتاي، جازا لاگېرلارنى تاقا»، «خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت»، «خىتاي، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.

نامايىش ئالدى بىلەن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تۈركچە بايانات ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ باياناتىدا خىتاي ئىشغالىيەتچى رېجىمىنىڭ 73 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرخىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى، مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرىغا قاماپ، دىنىي ئېتىقادى، مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش، خىتايلاشتۇرۇشتەك تۈرلۈك جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۈگۈنكى بۇ ھەرىكەت شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنىڭ بىر نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللاھ ئەپەندى يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىندا يەنە ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نەزەربەند قىلىپ، ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەندىن سىرت، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قانچە ئاي ئىلگىرى بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى. ئاخىرىدا ب د ت قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى تەرەپتە تۇرۇپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا، مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى.

يىغىلىشتا شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ئىنگلىزچە بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.

يىغىلىشتا يەنە ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان ئائىشە ئوغۇز تۈرك ياشلىرىغا خىتاب قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك جىنايەتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى ۋە شۇنداقلا تۈرك ياشلىرىنى، ئىسلام دۇنياسىنى خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىگە قاراپ تۇرماسلىققا چاقىردى. 

نامايىشتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى تۈركىيە خەلقىگە تېخىمۇ كۈچلۈك تەرىقىدە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، موتوسىكلىت ۋە ماشىنىلىق يۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. موتوسىكلىت ۋە ماشىنىلىرىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى چاپلاپ ماڭغان نامايىشچىلار ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدىن يولغا چىقىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىغا بارغانغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يۈرۈش قىلغان ھالدا، خىتايغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى نامايان قىلدى. خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىنىۋاتقان ۋاقىتتا، موتوسىكلىتلىق نامايىشچىلار يەنە نامايىش مەيدانىدىن سىگنال بېرىپ ئۆتكىنىچە، خىتاي كونسۇلخانىسى ئەتراپىدىكى يولنى ئايلاندى.

ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم سۆز قىلىپ، خەلقنى زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى ھەمدە ھەقىقىي ئىشەنچ بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئازادلىق، نۇسرەت، خىتايغا ھالاكەت تىلەپ ئوپچە دۇئا قىلدى.

بۈگۈن نامايىشتا يەنە ب د ت دا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئىمزا قويۇش پائالىيىتى تەشكىللەنگەن بولۇپ، نامايىشقا ئىشتىراك قىلغۇچىلار كۆپلەپ ئىمزا قويدى.

ئۇندىن باشقا ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ۋەلى جامە قورۇسىدا 73 يىلدىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىندى.

بۈگۈن يەنە ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتايغا قارشى پىيادە يۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزدى ھەمدە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئىشغالىيىتىگە ۋە 73 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە غەزەپ-نەپرىتىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن يەنە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ خىتاينىڭ 73 يىللىق ئىشغالىيىتىگە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشتا شىۋېتسىيەدە يېڭى سايلامدىن كېيىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغان دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە يېڭى پارلامېنت ئەزالىرىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى.

بۈگۈن يەنە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، دەنھاگ شەھىرىدىكى بىر نەچچە مۇھىم كوچىدا يۈرۈش قىلىش ئارقىلىق، خىتايغا غەزەپ-نەپرىتىنى بىلدۈردى.

ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۈگۈن ئىشغالىيەتنىڭ 73 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى يۈرۈش قىلدى ۋە بايانات ئېلان قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1620 قېتىم كۆرۈلدى
02/10/2022 01:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق