ياپونىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلىش گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

30-سېنتەبىر ياپونىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلىش گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر يىغىن ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، دەل ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات، لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم قاتارلىقلار قاتناشقاندىن باشقا، ياپونىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، پارلامېنت ئەزالىرى، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلات رەئىسلىرى ئىشتىراك قىلغان.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا قەلبىنۇر خانىم خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرىدىكى دەپسەندىچىلىك، خورلاش، قىرغىن قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ جازا لاگېرىدا ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئېچىنىشلىق ۋەقەلىكلەرنى تەپسىلىي سۆزلەش ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەپسىلىي پاش قىلغان.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا دولقۇن ئەپەندى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قۇرۇق ۋەدە بەرمەسلىككە، كونكرېت تەدبىر قوللىنىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1107 قېتىم كۆرۈلدى
02/10/2022 01:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق