تارقىلىۋاتقان سىنلار خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا، ئۈرۈمچى، كورلا، تۇرپان قاتارلىق كۆپلىگەن رايونلىرىدا يولغا قويغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قامال سىياسىتى ۋە ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلدى. خىتاي دائىرىلىرى داۋام قىلىپ كەلگەن ئادىتى بويىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ رېئال ۋەزىيىتىنىڭ دەل ئەكسىنى كۆرسەتكەن يالغان تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا. ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماقتا. 

بۈگۈن تارقالغان بىر سىندا تۇرپاندىكى بىر ئۇيغۇر كىشى خىتاي رېجىمىنىڭ 23-سېنتەبىردىكى خەۋەرلىرىدە تۇرپان ئۈزۈمىنىڭ ئىنتايىن ئوخشىغانلىقىنى خەۋەر قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما رېئاللىقنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى، دېھقانلار ئائىلىگە قاماپ قويۇلغانلىقى سەۋەبلىك، ئۈزۈملەرنى ئۈزگىلى ئادەم يوق قۇرۇپ قاقشال بولۇپ سېسىپ كەتكەنلىكىنى، دائىرىلەر بەرگەن خەۋەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نەزەربەند قىلىپ ئاچ قويۇش جىنايىتى، جۈملىدىن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئېتىزغا چىقىشىنى چەكلىگەنلىكى سەۋەبلىك، تېرىغان زىرائەتلىرى ۋەيران بولۇپ، خەلقنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران بولغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغان بىر ھەقىقەتكە ئايلانغان بولسىمۇ، خىتاي بارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن بۇ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1451 قېتىم كۆرۈلدى
02/10/2022 01:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق