20 نەچچە دۆلەتتە پائالىيەت قىلىۋاتقان 60 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت غا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىدە ئامېرىكا تەرەپتە تۇرۇپ، خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 28-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا رەھبەرلىكىنىڭ ب د ت غا سۇنغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى مۇنازىرە قىلىش قارار لايىھەسىنى قارشى ئالدىغانلىقىنى ھەمدە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى قارار لايىھەسىنىڭ تەستىقلىنىشىنى قوللاشقا چاقىرىق قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 26-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسى سۇنغانىدى. شۇ كۈنى مۇنازىرىدە ئامېرىكا ۋەكىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رايوندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا ئۈندىگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: بىز كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى تەييارلىغان ۋە مىشېل باچېلىت 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان دوكلاتتا ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن تۇتقۇن قىلىش، قىيىن-قىستاق ۋە باشقا خورلاش قىلمىشلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز. بىز خىتاينى بۇ قەبىھلىكلەرنى دەرھال توختىتىشقا، ناھەق تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشكە، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ ئىز دېرىكىنى بېرىشكە ۋە مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركسىتان) دا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرىمىز» دېدى ۋە سۆزىگە ئىلاۋە قىلىپ، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۆكتىچىلەرگە چېگرا ھالقىپ پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىدى.
يىغىندا ئەنگلىيەنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سىمون مانلېي سۆز قىلىپ: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئېغىر ۋە سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغانلىقى» نى ئېيتتى ۋە «سابىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ دوكلاتىدا خىتايدىكى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركسىتاندا) ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈز بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى بايقالغان. بىز مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئىبادەت قىلىشىغا، ئۆزىنىڭ تىلىدا سۆزلىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى، ئېتىقادىنى بەجا كەلتۈرۈشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى، كىشىلەرنىڭ پەقەت ئاز سانلىق مىللەتكە تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىغا ئائىت دەلىللەرگە ئېرىشتۇق. بىز كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان بۇ خىل ئېغىر ۋە سىستېمىلىق زىيانكەشلىككە كۆز يۇمماسلىقىمىز كېرەك. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇ دەپسەندىچىلىككە سۈكۈت قىلسا بولمايدۇ، سۈكۈت قىلماسلىقى شەرت» دېدى.
ئەمما يىغىندا پاكىستان ۋەكىلى مۇسۇلمان ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينى قوللايدىغان 60 تەك ئىستىبدات دۆلەتلەر ۋە خىتاي بىلەن زىچ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى بار تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنداقلا غەربنى كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىيلاشتۇردى، دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىققەتنىڭ غەربتىكى ئىسلامىفوبىيەگە يەنى ئىسلام ۋەھىمىسىگە قارىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
يىغىندا يەنە گېرمانىيە ۋەكىلى سۆز قىلىپ: «گېرمانىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئائىت ماھىيەتلىك دوكلاتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، بۇ مەدەنىيەت، دىنىي، كىملىك ۋە دىنىي مىراسلارنى چېقىش جەھەتلەردىكى سىستېمىلىق باستۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلاتتىكى مەۋجۇت دەلىللەرنىڭ خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى» كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىندا ھەممىدىن بەك دىققەت قوزغىغىنى خىتاينىڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىننى بۇ يىغىندا سۆزلىتىشى بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى ئاقلىدى ۋە خىتاينىڭ ھەر دائىمقى بىلجىرلاشلىرى بىلەن: «شىنجاڭنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىۋاتقانلىقى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكى، شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكى ۋە ھۆكۈمەتكە تەڭ قاتنىشىۋاتقانلىقى» دېگەندەك سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنى تەنقىدلەپ، بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئاتالمىش يامان غەرەزلىك بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا ئېرىشكەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىگە كۆز يۇمۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىيلاشتۇرغانلىقى، ۋاستىلاشتۇرغانلىقى، شىنجاڭنى قالايمىقان قىلماقچى بولغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگۈپ بىلجىرلىدى.
شاۋكەت ئىمىن2017-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ تۇتقۇن باشلىنىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان، مەجبۇرىي ئەمگەك كارخانىلىرىغا يۆتكەلگەندىن بۇيان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئېلىپ بېرىلىپ، خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئاقلاشقا سېلىنغان 2-يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارى بولۇپ، ئىلگىرى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنياز ب د ت دا خىتايغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئوخشاشلا خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى ئاقلىغانىدى.
گەرچە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينى قوللىغان بولسىمۇ، بىراق شۇ كۈنى يىغىندا سۆز ئالغان گېرمانىيە، چېخىيە، لىتۋا، فىرانسىيە، فىنلاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، ياپونىيە لېيۇكسېمبۇرگ قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرۇپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنغان «قارار لايىھەسى» ھەققىدە كېلەر ھەپتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەت بىلەت تاشلاپ قارار چىقىرىدىكەن. دۆلەت ئەمەلدارلىرى نيۇيوركتا ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي مەجلىسىگە يىغىلغان بىر پەيتتە، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە دىپلوماتلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى خورلاش قىلمىشىغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، مەزكۇر تەدبىردە ب د ت نى شەرقىي تۈركىستانغا رەسمىي تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈشكە چاقىرماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر، ئى. ئۆتكۈر