ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېسنى ئۇنىڭ يۇرتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى.
پورتۇگالىيە پايتەختى لىزبوندا نەشردىن چىقىدىغان 150 يىللىق تارىخقا ئىگە «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتى 26-سېنتەبىر «ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى لىزبوندا» ناملىق خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە سەھىپە ئاجراتقانىدى. 27-سېنتەبىر كۈنى يەنە: «روشەن ئابباس: گۇتېرېس ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللايدۇ» ناملىق خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، تېگى پورتۇگالىيەدىن بولغان ۋە پورتۇگالىيەلىكلەر ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدىغان ب د ت نىڭ ھازىرقى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېسنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سەل قاراش ۋە خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىگە سۈكۈت قىلىش، خىتاينى قوللاش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى بايان قىلغان.
ماقالىدا روشەن ئابباسنىڭ: «مىشېل باچېلېت تۆت يىلدىن كېيىنكى ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلدى. بىراق ئانتونىيو گۇتېرېس ب د ت نىڭ باش كاتىپى سالاھىيىتى بىلەن تۆت يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىر قېتىممۇ تىلغا ئېلىپ باقمىدى. باچېلېتنى شۇ ئورۇنغا تاللىغان ئادەممۇ ئانتونىيو گۇتېرېس ئىدى. مەن ئۇنىڭ توغرا قارار چىقىرىپ، سۇنۇۋاتقان ئوبرازىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى تارىخنىڭ توغرا تەرىپىگە قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمەلىيەتتە ئانتونىيو گۇتېرېس ئىرقىي قىرغىچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بېرىۋاتقان مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى قوللايدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر ئۈمىدسىزلىك. ب د ت دىن ئىبارەت بۇ قۇرۇلما نېمە ئۈچۈن مەۋجۇت بولىدۇ؟ دەل مۇشۇنداق زوراۋانلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن. ئانتونىيو گۇتېرېس ئەپەندى توغرا يۆنىلىشتە كونكرېت تەدبىرلەر بىلەن ھەرىكەت قىلمىسا، ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ ئوبرازىمۇ باچېلېتنىڭكىگە ئوخشاش بۇلغىنىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر