قەھرىمانماراشتا خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىندى

قەھرىمانماراشتا خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىندى
تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش شەھىرى بىلەن خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى يىۋۇ شەھىرىنىڭ قېرىنداش شەھەر بولۇش توختىمىغا ئىمزا قويغانلىقىغا قارشى بۈگۈن جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئۇلۇغ جامە ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلۈپ، بايانات ئېلان قىلىندى.
نامايىشچى خەلق «قەھرىمانماراش، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا شېرىك بولما» دېگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، شوئارلارنى توۋلىدى.
باياناتتا: «قەھرىمانماراش خەلقى قولى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن قانداقمۇ قېرىنداش بولۇشقا كېلىشىپ قالىدۇ. خىتاي بۇ كېلىشىم ئارقىلىق بىر تەرەپتىن تۈركىيەدە ئالدامچىلىق سىياسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا زېمىن ھازىرلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا: ‹سىلەر چوڭ بىلىدىغان، ئىشەنچ قىلىدىغان تۈركىيە بىز بىلەن قېرىنداش بولدى› دەپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە بولغان ئىشەنچىنى ۋە مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى سۇندۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. نۆۋەتتە خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارنى لاگېر ۋە تۈرمىلەردە ئىسلامدىن ياندۇرۇشقا تىرىشماقتا. قەھرىمانماراش خەلقىنى قەھرىمانماراش شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخىي خاتالىقىنى تۈزىتىشىگە دەۋەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز» دېگەنلەر بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1530 قېتىم كۆرۈلدى
23/08/2019 18:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق