خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق تۆت دۆلەت بىرلىكتە تىنچ ئوكياندا ئۆتكۈزگەن ھەربىي مانېۋىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاي خەلق تورىنىڭ 22-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 21-سېنتەبىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىندىن بىر مۇخبىر: ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە فىجى ئالدىنقى ھەپتە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى، مانېۋىر مۇشۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. بەزى ئوبزورلاردا بۇ ھەربىي مانېۋىر خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان دەپ قارالدى، خىتاي بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟» دەپ سورىغان.
ۋاڭ ۋېنبىن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: بىز ئالاقىدار دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا نورمال مۇداپىئە ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمايمىز، لېكىن ئالاقىدار ھەمكارلىق ئۈچىنچى تەرەپكە قارىتىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، باشقا دۆلەتكە قارىتىلغان مانېۋىرغا قەتئىي نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ