ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن نىيۇيوركتا داۋاملىشىۋاتقان 77-قېتىملىق ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
ئۇ نۇتقىنىڭ بېشىدا 24-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى توختىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان رۇسىيەنىڭ قوشنىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەتنى خەرىتىدىن ئۆچۈرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئەيىبلىگەن.
ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ 21-سېنتەبىر يادرو قورالى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتى ئۈستىدە توختىلىپ: «پۇتىن يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمى رامكىسىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى پەرۋاسىزلارچە نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ياۋروپاغا يادرو تەھدىتى سالدى» دېگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولماسلىقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن سىرت، خىتاينىڭ قىلچىلىك ئوچۇق-ئاشكارا بولماي تۇرۇپ، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان سەۋىيەدە ۋە كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە يادرو قوراللىنىش يولىغا ماڭغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە: «كىشىلىك ھوقۇق بىز ئېرىشمەكچى بولغان ھەر قانداق نىشاننىڭ ئاساسىي بولۇشى كېرەك. ئەمما بۈگۈن 2022-يىلىدا ئىنساننىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرى دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە خەتەر ئىچىدە تۇرماقتا. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان)دىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. بۇنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ دوكىلاتىمۇ ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى» دېگەنلەرنى ئىپادىلىگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەر ۋاقىت كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باياناتچىسى جون كىربى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يادرو قورالى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى باياناتىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ۋە رۇسىيەنىڭ يادرو ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن 20-سېنتەبىر دۆلەت قاناللىرىدا تارقىتىلغان نۇتقىدا ئۆزىنىڭ قىسمەن سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، يادرو قوراللىرىغا ئىشارەت قىلىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا، قوللىرىدىن كېلىدىغان بارلىق ئىقتىدارلاردىن پايدىلىنىشتا ئىككىلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر