ئەنگلىيەنىڭ يېڭى سايلانغان باش ۋەزىرى لىز تراس خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ياپونىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىك ئىشخانىسى 20-سېنتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، باش ۋەزىر تراسنىڭ نيۇيوركتا داۋام قىلىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا ئېيتىلىشىچە، باش ۋەزىر تراس خىتاينىڭ يېقىندا تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىنىڭ ياپونىيەنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىغا تەھدىت سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىككى باش ۋەزىر دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقى، جۈملىدىن G7 قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئارقىلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى باستۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتىگە قارشى تۇرۇشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىنىڭ بېشىدا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ئارمىيەسى بىر قانچە كۈن تەيۋەن ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك «تاقالغان تەيۋەن» نامىدا ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن. خىتاي ئارمىيەسى قويۇپ بەرگەن بەش باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياپونىيەنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى (EEZ) غا چۈشۈپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەرىكىتىدىن نارازى بولۇپ، قەستەن ئامېرىكا ۋە تەيۋەننىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكىتى ئىكەن. ئۇندىن باشقا ياپونىيە تەرەپ «تەيۋەندە بىرەر ئىش چىقسا ياپونىيەدە ئىش چىققان بىلەن ئوخشاش» دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن بولۇپ، ياپونىيەنىڭ بۇ سۆزى خىتاينىڭ تېخىمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ