ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىككى شىركىتىنى قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىككى ئالاقە شىركىتىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇلازىمەت شىركەتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا فېدېراتىپ ئالاقە كومىتېتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى 19-سېنتەبىر ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن، خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان تور چەكلىك شىركىتى ۋە ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى تارماق شىركىتىنى ۋە شۇنداقلا خىتاي بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى مۇلازىمەت شىركىتىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارالغان ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇلازىمەت شىركەتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

ئامېرىكا فېدېراتىپ خەۋەرلىشىش كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ ھەرىكەت دۆلەتلىك تېلېگراف ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىجرائىيە ئورگىنىغا ۋاكالىتەن تارقىتىلغان تەكلىپ خېتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر خەتتە بۇ ئىككى خىتاي شىركىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ قولى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ تەسىرى، كونتروللۇقى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتى قاتارلىقلار ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن.

ئالاقە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېسىكا روسېنۋورسېل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «بىز بۈگۈن ئالاقە تورىمىزنى چەت ئەلنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتىدىن قوغداش ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم قەدەم تاشلىدۇق. چۈنكى مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكىنىڭ ئالاقە ساھەسىگە نىسبەتەن خەۋپتۇر. بىز ھازىر دۆلەت بىخەتەرلىك شېرىكلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ قوشۇمچە ھەرىكەتنى قوللىنىپ، بۇ شىركەتلەرنى فېدېراتىپ ئالاقە كومىتېتىنىڭ قاپلاش تىزىملىكىگە قوشۇۋېتىپ، ئىشىكلىرىنى تاقىدۇق. بۇ ھەرىكەت بىزنىڭ پۈتكۈل ھۆكۈمەتنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 894 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2022 19:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق