خىتاي غۇلجىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى

يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارادا بېسىمغا دۇچ كەلگەن خىتاي رېجىمى كونا ئۇسۇلى بولغان ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى.

يېقىنقى بىر-ئىككى ئايدىن بېرى خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىشىكلەرنى مەجبۇرىي تاقاپ، خەلقنى ئاچلىقتا قىيناپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كەڭ تارقالدى. بولۇپمۇ كېسەللەرنى دوختۇرغا ئاپىرىشنى رەت قىلىپ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولۇپ، ئاتالمىش «دېزىنفېكسىيە قىلىش» نامىدا زەھەرلىك دورىلارنى سىناق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى غەزەپلەندۈرگەنىدى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك نارازىلىق كەيپىياتى شەكىللەنگەنىدى. بۇنىڭغا ماس ھالدا ب د ت ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتاينى جازالاشقا چاقىرغان باياناتلار كۆپىيىشكە باشلىغانىدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خىتاي دائىرىلىرى 18-سېنتەبىر بېيجىڭدا شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار 79-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئاچ قويۇپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمىنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىنغا قورچاق ئەمەلدارلاردىن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېلزات زادە قاتناشقاندىن سىرت، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ۋالىيسى ئېرشات تۇرسۇنباي، ئىلى ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالتاي گۈل جۈمە قاتارلىق توققۇز قورچاق ئەمەلدار سىن ئارقىلىق قاتناشتۇرۇلغان.

ئېلزات زادە سۆز قىلىپ: «ئىلى ئوبلاستىدا ھاياتلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان پىدائىيلارنى ئىشقا سېلىپ بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتۇق. ئەمما چەت ئەلدىكى خىتايغا قارشى بىر قىسىم كۈچلەر بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزغا كۆز يۇمۇپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى قىلغانلىق، دەپ تەشۋىق قىلدى. قىسمەن ئاممىنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنى كوللېكتىپ قارشىلىق كۆرسەتتى، دەپ سۈپەتلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قالايمىقان قىلىشقا ئۇرۇندى» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر مۇھاجىرەتتىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندا ئىكەنلىكىنى، بەش-ئالتە يىلدىن بۇيان ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلالمىغاننىڭ ئۈستىگە، چەت ئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىنىڭ جازالانغانلىقىنى، خىتاينىڭ يەنە ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا قىرغىن قىلىش جىنايىتىنىڭ نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغان بىر ھەقىقەتكە ئايلانغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ خىتاي رېجىمىنىڭ يۇقىرىقىدەك نومۇسسىزلارچە يالغان باياناتلىرى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ساختىپەزلىكىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەشۋىقات ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1019 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2022 18:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق