تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان ب د ت نىڭ 77-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ: «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، بىر خىتاي سىياسىتىگە ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا قەتئىي زەرەر يەتكۈزمىگەن ئاساستا، مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تۈپ ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ قوغدىلىشىغا سەزگۈر قارايمىز» دېدى.