يۇقۇم ۋەزىيىتى يېنىكلىگەن بولسىمۇ خىتاي قامالنى بوشاتمىغان

خىتاي رېجىمى يۇقۇمىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا يېنىكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، بىراق قامالنى بوشاتمىغان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئېتىزدىكى زىرائەتلىرى ئوغرىلانغان.

شەرقىي تۈركىستاندا 19-سېنتەبىر بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 12 سى بايقالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىمارلار ئىكەن. خىتاي رېجىمى يۇقۇم باھانىسى بىلەن خەلققە قاراتقان باستۇرۇش ۋە نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ئائىلىسىگە قامالغان دېھقانلارنىڭ ئېتىزدىكى قوناقلىرىنىڭ ئوغرىلانغانلىقى ئاشكارىلانغان.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 19-سېنتەبىر كەچتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0 دىن 24 كىچە، شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 12 كىشىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەنلىكىنى، مەزكۇر يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچىدە 2، ئىلىدا 6،  تارباغاتايدا 1، كورلىدا 3 ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قورچاق ئەمەلدارلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇللار بىلەن قامال قىلغان بولۇپ، 30 سېكۇنتلۇق سىندا بىر دېھقان ئېتىزدىكى بېشى يوق شېخى قالغان قوناقلىرىنى كۆرسىتىپ ھەسرەت چەككەن ھالدا: «بىزنى ئۆيدىن چىقىشقا رۇخسەت قىلماي ياكى كەنتتىكىلەر ئوبدان قارىماي قوناقلىرىمىزنى كېچىدە ئوغرىلاپتۇ مانا! بىزگە قورۇق شېخى قاپتۇ. ھەممە تەرەپتىن ئوغرىلاپتۇ» دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرى دەل مول-ھوسۇل ئالىدىغان پەيتتە ھەممە يەرنى قامال قىلىشى، بازارلاردىكى ساناقسىز كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنىڭ سېسىپ تۈگىشى، ئۆيلەرگە ئاندا-ساندا يەتكۈزۈپ بېرىلىۋاتقان يېمەكلىكلەرنىڭ زىيادە قىممەت بولۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن مېۋە-چىۋە، كۆكتات ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، دېھقانلارنىڭ قوناقلىرىنىڭ بىرىلىرى تەرىپىدىن ئوغرىلىنىشى قاتارلىقلاردىن ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ ۋىرۇس مۇداپىئەسى ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامراتلاشتۇرۇپ ئۆزىگە موھتاج قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1068 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2022 16:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق