ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلىزابېت II. نىڭ دەپنە مۇراسىمى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا تارىخىي ۋېستمىنستېر ئاببېي چېركاۋىدا 19 – سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلدى.
دەپنە مۇراسىمى تەخمىنەن ئىككى مىڭ ئالاھىدە مېھماننىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە ئايالى جىل بايدىن، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون، ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېس، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ، پولشا باش مىنىستىرى ماتېيۇسز موراۋىچكى، ئىتالىيە پىرېزىدېنتى سېرگىيو ماتتارېللا، ئىرېلاندىيە پىرېزىدېنتى مىشىل خىگىنس، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ۋە ئايالى ئولېنا زېلېنسكىي قاتارلىق 500 گە يېقىن دۇنيا رەھبىرى ھەمدە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئورۇن ئالدى.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى لىز تراس مۇراسىمدا قىسقا سۆز قىلدى ۋە ۋېستمىنستېر ئاببېي چېركاۋىدىكى مۇراسىمدىن كېيىن، دۆلەت مىقياسىدا ئىككى مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇلدى. ئارقىدىن جىنازا، خايد كىرىش قىسمىدىكى ۋىللىڭتون ئارچقا ئاپىرىلدى ۋە ئارقىدىن دەپنە قىلىنىدىغان ۋىندسورغا ئاپىرىلدى.
ئەمما بۇ قېتىمقى مۇراسىمدا ئەڭ دىققەت قوزغىغان نۇقتا، ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلىزابېت II. دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەنگىلىيەگە كەلگەن خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەنگىلىيە پارلامېنت بىناسى ئىچىدىكى ۋېستمىنىستېر زالىدا كۆرگەزمە قىلىنغان ئايال پادىشاھنىڭ مېيىتىنى زىيارەت قىلىش ۋە خاتىرە دەپتىرىگە ئىمزا قويۇش تەلىپى رەت قىلىنغان.
نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى لىندسېي خويلې پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مېيت ساندۇقىنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇنىڭدىكى سەۋەب بولسا، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن بەزى ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكى سەۋەبلىك، ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئىككى رەئىسى خىتاينىڭ لوندون باش ئەلچىسى جېڭ زېگۇاڭنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنت بىناسىغا كىرىشىنى چەكلىگەنىدى.
ئەسلىدە مۇراسىمغا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ خىتايغا ۋاكالىتەن مۇئاۋىن پرىزېدېنت سەۋىيسىىدە دىپلوماتىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
دەپنە مۇراسىمىدىكى قائىدە بويىچە، چەتئەل ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالدى بىلەن ئايال پادىشاھنىڭ تاۋۇتى جايلاشقان پارلامېنت بىناسىدىكى ۋېستمىنىستېر زالى بىناسىنى زىيارەت قىلىدۇ ، ئاندىن ۋېستمىنىستېر چوڭ چېركاۋىدىكى مۇراسىمغا قاتنىشىدۇ.
خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت II. مېيت ساندۇقىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە BBC ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى لىندسېي خويلې خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك يەتتە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسىغا يۈرگۈزگەن جازاسى سەۋەبىدىن خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتىنى چەكلىگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنىپڭنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ دۇنيا رەھبەرلىرى قاتناشقان بىر مۇراسىمدا بۇ شەكىلدە رەت قىلىشقا ئۇچرىشى ئەمەلىيەتتە خىتاي ۋە ئۇنىڭ رەئىسى شى جىنىپىڭغا قىلىنغان ھاقارەت ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇنىڭغا لېۋىنى چىشلەشتىن باشقا چارىسى يوقلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن تەختتە ئولتۇرغان ھۆكۈمدارى ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت II. 8-سېنتەبىر دەم ئېلىۋاتقان شوتلاندىيەدىكى بالمورال قەلئەسىدە 96 يېشىدا ۋاپات بولغانىدى.
ئى. ئۆتكۈر