ئىستانبۇلدا 4-قېتىملىق UyghurSTEM روبوت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىنى روبوت تېخنىكىسى بويىچە سېستىمىلىق تەربىيەلەپ كېلىۋاتقان UyghurSTEM گۇرۇپپىسى 18-سېنتەبىر كەچتە «روبوتلار دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇشتىن ئىلگىرى» ماۋزۇلۇق 4-نۆۋەتلىك روبوت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى.

كۆرگەزمىگە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار، UyghurSTEM دە ئوقۇيدىغان ئۆسمۈرلەر، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ۋە باشقا مېھمانلار بولۇپ كۆپلىگەن كىشىلەر قاتناشتى. 

كۆرگەزمە شىۋېتسارىيە دۆلەتلىك ئۇچۇر تېخنىكا شىركىتى ئالىي ئىنژېنېرى ۋە فىزىكا پەنلىرى دوكتورى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندىنىڭ سۆزى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرى لايىھەلىگەن خىلمۇخىل روبوتلارنى نەق مەيداندا سىناق قىلىپ تاماشىبىنلارغا كۆرسەتتى ۋە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

UyghurSTEM گۇرۇپپىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى تەبىئىي پەن بىلىملىرىدە يېتەكلەش ۋە ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە 2019-يىلى تۈركىيەدە قۇرۇلغان. گۇرۇپپىنىڭ ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە بىيولوگىيە دەرسلىرىگە قاتناشقانلاردىن سىرت، كومپيۇتېر پىروگرامما تىللىرى ۋە روبوت دەرسلىرىگىلا ھازىرغىچە نەچچە يۈزلىگەن ئوقۇغۇچى قاتناشقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1902 قېتىم كۆرۈلدى
19/09/2022 17:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق