خىتاي ئىشلەتكەن دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان ئۆيگە قامال قىلىپ ئاچ قويۇپ، قىرغىن قىلىشتىن ئىبارەت ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايى قىلمىشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىنلار ئارقىلىق خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلدى. 17-سېنتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان ئاۋازلىق ئۇچۇر خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «ئۆي ئىچىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش» نامىدا چاچقان دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئاۋازلىق ئۇچۇردا قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان بىر مۇھاجىر تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان يېقىنغا: «بىزنىڭ مەھەللىدە ئادەم قالماپتۇ» دېگەن. تۈركىيەدىكى يېقىنى ئۇنىڭدىن: «نېمە بوپتۇ؟ ئاچارچىلىقتىن شۇنداق بوپتۇمۇ؟» دەپ سورىغان. بۇنىڭغا جاۋابەن قازاقىستاندىكى مۇھاجىر:«ئاچلىق ئۇياقتا قالسۇن، تۈنۈگۈن خىتايلار دېزىنفېكسىيە قىلىمىز دەپ، ئائىلە-قورۇلارغا دورا چاچقان ئىكەن، پۈتۈن مەھەللىدىكى جامائەت يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. ھەتتا دوختۇرغا ئاپىرىدىغان ئادەم يوق ئىكەن. ۋەتەننىڭ ئەھۋالى ئېچىنىشلىق ھالەتتە ئىكەن. مېنىڭ 24 ياشقا كىرگەن ئوغلۇم قارشى تۇرۇپ، دورا چاچمايمىز، دېگەنلىكى سەۋەبلىك خىتايلار ئۇنى تۇتۇپ كېتىپتۇ، ئۆيدە قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ. ئۇزۇندىن بۇيان ئائىلەمگە تېلېفون قىلمىغانىدىم، ئالاقە قىلىپ باقاي دەپ تېلېفون قىلسام، تېلېفوننى ئايالىم ئېلىپ، ئاران سۆزلەپ، بىر تەرەپتىن ئاچلىقتا قىينىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايلار ئۆيلەرگە چېچىۋاتقان دورىنىڭ ھەممە ئادەمنى يىقىتقانلىقىنى ئېيتتى» دېگەنلەرنى ئاشكارىلىغان.

بۇلاردىن سىرت، خىتاي رېجىمىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش نامىدا، خەلققە نامەلۇم سۇيۇق دورىلارنى مەجبۇرىي ئىچكۈزۈۋاتقانلىقىمۇ كۆپلىگەن سىنلاردا ئاشكارىلىنىپ، دىققەت ۋە گۇمان قوزغىماقتا. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1352 قېتىم كۆرۈلدى
19/09/2022 17:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق