CIA: شى جىنپىڭ 2027-يىلىغىچە تەيۋەننى ئىگىلەش تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈشكە بۇيرۇدى

ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئارمىيىسىنى 2027-يىلىغىچە تەيۋەننى قورال كۈچى بىلەن قوشۇۋېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشقا بۇيرۇق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. 

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ 17-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى داۋىد كوھېن نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2027-يىلىغىچە خىتاي ئارمىيەسىنى تەيۋەننى قورال كۈچى بىلەن قوشۇۋېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشقا بۇيرىغان. كوھىننىڭ باھاسى ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جون ئاكۋىلىنو ۋە سابىق قوماندان فىلىپ داۋىدسوننىڭ بۇلتۇر بۇ ھەقتە بەرگەن باھاسى بىلەن ئوخشاش چىققان. بىرلەشمە ئارمىيە قوماندانى مارك مىللېيمۇ ئۆتكەن يىلى پارلامېنت بىلەن مەزكۇر مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغانىدى. ئەمما ئامېرىكا ئىستىخبارات جەمئىيىتى نۆۋەتتە بېيجىڭنىڭ قورال كۈچى بىلەن تەيۋەننى قوشۇۋېلىش توغرىسىدا قارار چىقارغانلىقىغا ئىشەنمەيدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي نۆۋەتتە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانىنى تېزلىتىپ، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان بولۇپ، 2027-يىلدىن 2035 -يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تەيۋەننى ئىشغال قىلىشنى تاماملاشنى پىلانلاۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 770 قېتىم كۆرۈلدى
19/09/2022 17:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق