خىتاي ۋىرۇس باھانىسى بىلەن خەلقنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلماقتا

يېقىنقى كۈنلەردىن بىرى خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان ئۆيگە قامال قىلىپ ئاچ قويۇپ، قىرغىن قىلىشتىن ئىبارەت ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايى قىلمىشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىنلار ئارقىلىق خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلدى. 16-سېنتەبىر تارقالغان بىر قانچە سىندا خىتاي ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش» نامىدا خەلقنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

-16 سېنتەبىر تارقالغان 15 سېكۇنتلۇق سىندا خىتاي ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامىدا دېھقانلارنى ئېتىز-ئېرىققا چىقىشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك، دېھقانلارنىڭ بىر يىللىق جاپا – مۇشەققەتلىرىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇ كىشى تېرىغان پەمىدۇرلار ئۈزگىلى ئادەم يوقلىقىدىن ئېتىزلىقتا سېسىپ كەتكەن. 

  42 سېكۇنتلۇق يەنە بىر سىندا يەنە ئۈزۈشكە ئادەم بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئالمىلار سېسىپ كەتكەن بولۇپ، ئالمىلارنى ئۈزۈپ سېتىش ئۈچۈن تەييارلىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ يوللارنى تاقىۋالغانلىقى سەۋەبلىك ئالمىلارنىڭ ھەممىسى سېسىپ كەتكەن. دېھقانلار ئېغىر ئۇھسىنغان ھالدا: «مانا دېھقاننىڭ كۈنى، ۋىرۇس سەۋەبلىك يەتتە توننا ئالما سېسىپ كېتىپتۇ. دېھقاننىڭ كۈنلىرى مۇشۇنداق قىيىن بولۇپ كەتتى. جاپا تارتىپ ئىشلىگەن بىر يىللىق دېھقانچىلىق ئەمگىكىمىز بىكار بولۇپ كەتتى!» دېگەن.

تاراتقۇلاردا يەنە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنى ئېغىر ئاچ قويۇۋاتقان ۋە غۇلجا ئىچى ۋە سىرتىدىن خەلقىمىز تەرىپىدىن يوللانغان ھېسابسىز يېمەك – ئىچمەك، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى خەلققە تارقىتىپ بەرمىگەننى ئاز دەپ، يېرىمى سېسىق سەي كۆكتاتلارنى ئىنتايىن قىممەت باھاغا سېتىپ بېرىۋاتقانلىقى، خەلقىمىزگە بېرىلمىگەن پەمىدۇر، تاسما پۇرچاق، شاپتۇل دېگەندەك مېۋە – چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى قوي – كالىلارغا بېرىۋاتقانلىقى ياكى تۆكۈۋەتكەنلىكىگە دائىر سىنلارمۇ كۆپلەپ تارقالماقتا .

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، بۇ تۈردىكى سىنلار قامالىنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ ناھايىتى كۆپلەپ تارقىلىۋاتقانىدى، لېكىن بۇنىڭغىمۇ چىدىمىغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ تۈردىكى سىنلارنىمۇ دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا ئوخشاش سىنلارمۇ ئازايماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1089 قېتىم كۆرۈلدى
19/09/2022 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق