يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان نەزەربەند قىلىش، ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرى ھەققىدىكى سىنلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇنىڭغا ماس ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامايىش ۋە ھەرخىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ جىنايىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى. 16-سېنتەبىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيە پارلامېنتى ئالدىدا نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللىگەن مەزكۇر نامايىشقا شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغان. نامايىشچىلار يېقىندا ئاچ قويۇپ زىيانكەشلىك قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرى ۋە جازا لاگېرىدا ئىز-دېرەكسىز يوقالغان كىشىلەرنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن پىلاكاتلارغا: «خىتاي ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختات» دېگەندەك شوئارلارنى يېزىپ، خىتاينىڭ قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى شوئار توۋلىغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيە مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەھمەدجان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىدىن كېيىن، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى يەنە ئىشغالىيەتچى خىتاينىڭ ھالاكىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زۇلۇمدىن تېزراق قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، دۇئا يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يىغىلىشنى تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولۇپ، 17-سېنتەبىر سۇتۇق بۇغراخان مەسچىتىدە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ