G7 رەھبەرلىرى خىتاي بىلەن بولغان سودىدا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشقا قوشۇلغان بولۇپ، ئەمدى خىتاي بىلەن بولغان مۇئامىلىلەردە ساددىلىق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 16-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنادا ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان بولۇپ، گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرى پەيشەنبە كۈنى يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ سودىدا خىتايغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار يەنە رۇسىيەگە قاراتقان ئىقتىسادىي جازانى ساقلاپ قېلىشقا قوشۇلغان.
يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ سودا مىنىستىرلىرى بېرلىندا ئىككى كۈن يىغىن ئاچقان. گېرمانىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، ئىقتىساد ئىشلىرى ۋە كىلىماتنى قوغداش مىنىستىرى روبېرت خابېك يىغىندىن كېيىن تاراتقۇلارغا: «خىتاي ھەققىدىكى مۇزاكىرىلەر خەلقئارا سودىدا يۇقىرى ئۆلچەمگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم قىلىشتىن ساقلىنىش مەسىلىسىگە مەركەزلەشتى» دېگەن.
روبېرت خابېك يەنە: «گېرمانىيە خىتاي بىلەن كەسكىن سودا لىنىيەسىنى قوللانغان ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ خىتاي بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك سودا سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا ياۋروپانىڭ ئۆز ئىقتىسادىنى قوغداش ئۈچۈن خىتايغا قاراتقان مەجبۇرلاش تەدبىرىنى كۈچەيتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتا بارغانسېرى قاتتىق سىياسەت قوللاندى» دېگەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە G7 گۇرۇھى ئەزالىرىنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى ئىلاۋە قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، G7 سودا مىنىستىرلىرى يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا گەرچە خىتاي بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق يېڭى مۇزاكىرىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتايغا قارىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ