ئامېرىكا خىتايغا ئۆزەك ئېكسپورت چەكلىمىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى پىلانلىدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىركەت-كارخانىلارنىڭ خىتايغا سۈنئىي ئىدراكلىق ئۆزەك ۋە ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى پىلانلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 12-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى كېلەر ئايدا ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ خىتايغا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزەك ۋە ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشقا قويغان چەكلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى پىلانلىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ 13-سېنتەبىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ: «بايدېن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ خىتايغا سۈنئىي ئىدراكلىق ئۆزەك ۋە ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشىغا قويغان چەكلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى پىلانلىغان، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىغا ھەر قېتىمقىدەك ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ پۈتۈنلەي پەن-تېخنىكا زومىگەرلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرى ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ئىدراك ئۆزىكىگە كۈچلۈك ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئامېرىكا بۇ قېتىم خىتاينىڭ جان تومۇرى ھېسابلىنىدىغان ئۆزەك سېتىپ بېرىشكە بولغان چەكلىمىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغان. خىتايدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە خىتاي ئىگىلىكىدىكى تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ھېسابلاش ئۆزىكىگە تايىنىپ، سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ۋاشىنگتون بۇ ئۆزەكلەرنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلەشنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆزىنى «ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېت» ياكى «مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدۇ» دەپ سۈپەتلىگەن خىتاي مۇداپىئە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ A100  ئۆزىكىنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، Nvidia ۋە AMD قاتارلىق ئامېرىكا شىركەتلىرى تەمىنلەيدىغان ئۆزەكنىڭ كەمچىل بولۇشى خىتاي ئورگانلىرىنىڭ سۈرەت ۋە تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھېسابلاش ئىشلىرىنى قىلىشىنى توسۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1031 قېتىم كۆرۈلدى
15/09/2022 18:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق