تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22-نۆۋەتلىك دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىش ئۈچۈن، ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى.
پىرېزىدېنت ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايوفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22-نۆۋەتلىك دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىش ئۈچۈن 15-16-سېنتەبىر كۈنلىرى سەمەرقەنت شەھىرىدە بولىدىكەن.
بۇ قېتىملىق زىيارەت ئۆمىكىدە پىرېزىدېنت ئەردوغان ۋە ئايالى ئامىنە ئەردوغاندىن باشقا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى نۇرىددىن نەباتى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاكار، سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى خاكان فىدان، پىرېزىدېنتلىق مۇداپىئە سانائىتىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل دېمىر، پىرېزىدېنتلىق ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى ئەمەلدارى فاھرەتتىن ئالتۇن، پىرېزىدېنت باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك قاتارلىقلار ئورۇن ئالدى.
تۈركىيە پىرېزىدېنتلىق ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا «دىيالوگ شېرىكى» سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 2012-يىلىدىن بۇيان، تۇنجى قېتىم تەشكىلاتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا «پىرېزىدېنت» سەۋىيەسىدە قاتنىشىشى ئىكەن.
ئەردوغان 16-سېنتەبىردىكى باشلىقلار يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغان بولۇپ، شى جىنىپڭ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىدىكەن.
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئەردوغاننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقى، شۇنداقلا ئارقىدىنلا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت 77-نۆۋەتلىك ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرىدىغان-كەلتۈرمەيدىغانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، پىرېزىدېنت ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت 77-نۆۋەتلىك ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىقىدىغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، يەنى 77-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنى قاتناشقۇچىلارغا خىتاب قىلىدىغانلىقى پىلانلانماقتا.
پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك كۆرۈشۈشتە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئى. ئۆتكۈر