ياۋروپا كومىتېتى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ياۋروپا كومىتېتى ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىدىكى بارلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ھەققىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا كومىتېتى 14-سېنتەبىر ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىدا مەۋجۇت بولغان بارلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى چەكلەش ھەققىدىكى تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ياۋروپا كومىتېتىنىڭ تەكلىپى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان ۋە ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى، شۇنداقلا ئىمپورت قىلىنغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپىدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كونكرېت كەسىپ ياكى شىركەتلەر تىلغا ئېلىنمىغان.

ياۋروپا كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ياۋروپا كومىتېتىنىڭ بۇ ئەتراپلىق تەدبىرلىرى ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى تەخمىنەن 27 مىليون 600 مىڭ كىشى ھەر قىتئە ۋە نۇرغۇن كەسىپلەردە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا. كۆپىنچە مەجبۇرىي ئەمگەك خۇسۇسىي ئىگىلىك ساھەسىدە يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەجبۇرىي ئەمگەك دۆلەت تەرىپىدىن كۈچەيتىلمەكتە» دېيىلگەن.

باياناتتا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ تەكلىپىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئېنىقلىما ۋە ئۆلچەملەرنى ئاساس قىلىپ، دۇنيادىكى شېرىكلەر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدىغانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ياۋروپا بازىرىدىن چىقىرىۋېتىش ھوقۇقى بولىدىغانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاموژنا ئورگانلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، مەزكۇر ماللارنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىنى چەكلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە سودا ۋەكىلى ۋالدىس دومبروۋىسكىسنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەكلىپ دۇنيادىكى مىليونلىغان كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان زامانىۋى قۇللۇق تۈزۈمنى ھەل قىلىشتا ھەقىقىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىكەن. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى چىقىرىپ تاشلىنىدىكەن.

باياناتتا يەنە: «دەسلەپكى باسقۇچتا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوخشىمىغان مەنبەلەردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ خەتىرىنى باھالاپ چىقىدۇ. بۇ بەلكىم پۇقرالار جەمئىيىتى تەمىنلىگەن ماتېرىيال، ئالاھىدە مەھسۇلات ۋە جۇغراپىيەلىك رايونلارغا مەركەزلەشكەن مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپى قاتارلىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە شىركەتنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېيىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 948 قېتىم كۆرۈلدى
15/09/2022 16:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق