خىتايدا ئېغىر بوران ئاپىتى بولدى

تەيفېڭ بورىنى خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدە قۇرۇقلۇققا چىققان بولۇپ، 15 بال بوران خىتاي ئۈچۈن ئېغىر ئاپەت بولغان.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 14-سېنتەبىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 20:30 ئۆتكەندە ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى جېجياڭ ئۆلكىسىدە قۇرۇقلۇققا چىققان. مەركەزگە يېقىن شامال كۈچى 14 بال ئەتراپىدا بولغان بوران يەردىكى بارلىق ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلغان.

مەزكۇر تەيفېڭ بورىنى 15-سېنتەبىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 00:30 ئەتراپىدا، شاڭخەينىڭ فېڭشيەن دېڭىز قىرغىقىغا يۆتكىلىپ، رايوندىكى سانسىزلىغان ئەسلىھەلەرنى ئۆرۈپ ۋەيران قىلغان.

مۆلچەرلىنىشىچە، بوران سائىتىگە 25-30 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن غەربىي شىمالغا قاراپ مېڭىپ، 15-سېنتەبىر كەچتە يەنە شەندۇڭ يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىدىكەن، 16-سېنتەبىر كۈندۈزى بوخەي بوغۇزىغا كۆچىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيفېڭ بورىنى بىلەن بىرگە قاتتىق يامغۇر ياغقان بولۇپ، جېجياڭنىڭ شەرقىي، شاڭخەي، جياڭسۇنىڭ شەرقىي، شەندۇڭ يېرىم ئارىلى ۋە لياۋنىڭنىڭ شەرقىي جەنۇب رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغقان. كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تەيفېڭ بورىنىغا قوشۇلۇپ داۋاملىق قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ھازىرغا قەدەر كۈچلۈك بوران ئاپىتىدە كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 943 قېتىم كۆرۈلدى
15/09/2022 16:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق