تۈركىيەدىكى ب د ت ئىشخانىسى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىشخانىسىغا مەكتۇپ تاپشۇرۇلدى

14-سېنتەبىر ئىستانبۇل ۋە تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ئەنقەرەگە يىغىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

يىغىلىشتا ئالدى بىلەن ب د ت نىڭ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى ۋە بايانات ئېلان قىلىندى. شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاشكارا قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جىنايەتلەرنى توختىتىش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن ب د ت ئىشخانىسىغا ۋەكىل كىرىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بايان قىلىنغان مەكتۇپنى ئىشخانا مەسئۇلىغا سۇندى.

نامايىشتىن ئىلگىرى تۈركىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى نامايىش قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت بەرگەن بولسىمۇ، بىراق نامايىشچىلار ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىغا بېرىش داۋامىدا بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى ۋە ئاخىرىدا نامايىشچىلار ئارىسىدىن 30 ۋەكىل ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىشخانىسى ئالدىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىشخانىسى مەسئۇللىرى نامايىشچىلاردىن ئىككى ۋەكىلنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ۋەكىللەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلغان مەكتۇپنى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەسئۇلىغا سۇندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 890 قېتىم كۆرۈلدى
15/09/2022 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق