ئالما شىركىتىنىڭ iPhone 14 كە خىتاي ئۆزىكىنى سەپلىمەكچى بولۇشى دىققەت قوزغىدى

ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى يانفونى iPhone 14 كە خىتاي شىركىتىنىڭ ئۆزىكىنى ئىشلەتمەكچى بولغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ مۇھىم پارلامېنت ئەزالىرى ئالما شىركىتىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ چاڭجياڭ ساقلىغۇچ تېخنولوگىيە شىركىتىنى iPhone 14 كە ئىشلىتىلىدىغان NAND ئۆزىكىنى تەمىنلەيدىغان شىركەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكىل مىككول بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەندىن سىرت، ئالما شىركىتىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، ماركو رۇبىيو بۇ توغرىسىدا: «ئالما شىركىتى ئوت بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇ مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن تەكشۈرۈشىگە دۇچ كېلىدۇ. بىز خىتاي كومپارتىيەسىگە بويسۇنىدىغان بىر شىركەتنىڭ تېلېگراف تورىمىزغا ۋە مىليونلىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئالما تېلېفونىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلالمايمىز» دېگەن.

ئالما شىركىتى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتايدا سېتىلىدىغان يانفونلارغا چاڭجياڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان NAND ئۆزەكنى ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە سېتىلىدىغان يانفونلارغا بۇ ئۆزەكنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە ئالما شىركىتى بۇ خىل ئۆزەكنى ياپونىيە ۋە كورىيەنىڭ شىركەتلىرىدىن سېتىۋېلىپ كەلگەن بولۇپ، كەسىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالما شىركىتى تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە خىتايدىكى بازىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن خىتاي شىركىتىنى تەمىنلىگۈچىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ھالبۇكى، چاڭجياڭ ساقلىغۇچ تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ خىتاي رېجىمى ۋە خىتاي ھەربىي قىسىملىرى بىلەن بولغان باغلىنىشى ئىزچىل ھالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن. بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىر-ئىككى ئاي بۇرۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر شىركەتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشكە چاقىرغان.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 991 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2022 18:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق