خىتاي ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «خەلق ئاممىسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىش» نامىدا «خەلق ھاۋا مۇداپىئەسىدىكى نۇقتىلىق شەھەرلەر» دەپ ئاتىۋالغان شەھەرلەردە ھەر يىلدىكىدەك ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىش» نامى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇقتىلىق شەھەرلەردە 9-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 12:00 دە بىر تۇتاش ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ۋە ھاۋا ھۇجۇمى سىگنالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى ئۈرۈمچى، سانجى، كۇيتۈن، قاراماي، غۇلجا، كورلا، چۆچەك، قۇمۇل، تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر، بورتالا، خوتەن، ئاتۇش، ئالتاي قاتارلىق شەھەرلەردە چېلىنىدىكەن.

خىتاي رېجىمى 2005-يىلىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندا ھەر يىلى 18-سېنتەبىرنى ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى سىناق كۈنى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق جايلىرىدا ئاۋاز ياڭراتقۇسى تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك، ھەرۋاقىت خەلقنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى، بۇ خىل سىناقلار ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۆز كۈچىنى كۆز-كۆز قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى ئۇسۇل بىلەن خەلقنى قىرغىن قىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، خەلققە قورقۇنچ سېلىش ۋە تېخىمۇ ئېغىر بېسىم چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1253 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2022 18:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق