غۇلجا خەلقىگە يوللانغان ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ مەجبۇرىي سېتىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

غۇلجا خەلقى خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن ئاچ قويۇلۇپ قىينىلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن غۇلجىغا ئەۋەتىلگەن ياردەم بۇيۇملىرى ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ خەلققە مەجبۇرىي سېتىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن غۇلجا تەۋەلىكىدە يولغا قويغان نەزەربەند قىلىش ۋە ئاچ قويۇپ قىيناش ئەھۋاللىرىغا چىداپ تۇرالمىغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار يېمەكلىك، نەق پۇل قاتارلىق ياردەم بۇيۇملىرىنى توپلاپ، غۇلجا خەلقىگە ئەۋەتكەن. بىراق خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ياردەم بۇيۇملىرىنى خەلققە سېتىپ بەرگەن.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا غۇلجىدا تۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ياش شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن غۇلجا خەلقىگە ئەۋەتىلگەن ئۇن، ماي قاتارلىق ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ غۇلجىدىكى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن پۇلغا سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋاللاردىن قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ بۇ ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاش قارارىغا كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ يەنە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما دېيىشكە ئامالسىزلىقىنى ئېيتقان.

بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان بىر سىندىمۇ بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ بىر تۈركۈم نان تەييارلاپ غۇلجىغا ئەۋەتمەكچى بولغاندا، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇنىڭغا يول قويمىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

نۆۋەتتە تارقىلىۋاتقان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىدىن كېيىن كورلا شەھىرىمۇ قامال قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى خەلقنىڭ ئىشىك-دەرۋازىلىرىنى مەجبۇرىي تاقاپ، ئاچ قويۇشقا باشلىغان كۆرۈنۈشلەر كۆپلەپ تارقالماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1294 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2022 18:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق