خىتاي جىنايەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنماقتا

يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان نەزەربەند قىلىش، ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىنلار ئارقىلىق خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىدى. خىتاي رېجىمى بۇ جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ داۋاملىق ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە قورچاق ئەمەلدارلارنى ئىشقا سېلىپ، ئۈندىدار توپلىرىدا سىن ۋە يازما ئۇچۇرلارنى، سەزگۈر مەزمۇنلارنى تارقىتىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

بۇ ھەقتىكى سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى چۈشۈرگەن بۇيرۇقتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈندىن باشلاپ 9-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە ئۈندىدار توپلىرىدا ھەرقانداق بىر كىشى ھەر خىل سالونلارنىڭ ئۇلانمىلىرىنى، سۈرەتلىك خەۋەرلەرنى، ياخشى ياكى ناچار دېگەندەك ئىشارەتلەرنى، ھەرقانداق سىن ۋە رەسىملەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. چۈنكى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى دۆلىتىمىزدە چوڭ يىغىن ئېچىلىدۇ. شۇڭا خەلق دۆلەتنىڭ بارلىق ئەمىر-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇپ ماسلىشىشى كېرەك. 9-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە چەكلەنگەن نەرسىلەرنى تارقىتىپ تۇتۇلۇپ قالغان ئۈندىدار توپى، توپنىڭ باشلىقى ۋە توپتىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۈندىدار ھېساباتى ئېچىلماس قىلىپ تاقىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بارلىق ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى ئاۋازلىق يوللاش كېرەك، يېزىقچە يوللاشقا بولمايدۇ».

ئالدىنقى كۈنلەردە تارقالغان يەنە بىر سىندا خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا زەربە بېرىش» نامىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى تور دۇنياسىغا تارقاتقانلارنى «دۆلەتنى پارچىلاش» دېگەندەك ئېغىر جىنايەتلەر بىلەن جازالايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

كۆزەتكۈچىلەر ئالدىنقى بىر ئاي ئىچىدە خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىشىكلىرىنى تاقاپ، ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ۋەھشىي جىنايىتىنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلانغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلغان خىتاينىڭ مەزكۇر بۇيرۇقنى چىقارغانلىقىنى، مۇھاجىرەتتىكىلەرنىڭ بۇ پاكىتلارنى تۇتقا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىشقا مەجبۇرلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1304 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2022 18:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق