خىتاي غۇلجىدا بىر نەچچە كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

خىتاي رېجىمى يېقىنقى مەزگىلدە ئاتالمىش «توردا پىتنە-ئىغۋا تارقاتتى» دېگەن باھانە بىلەن ئىلى ۋىلايىتىدىن بىر نەچچە كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 12-سېنتەبىر ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمغا ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا خىتاي ئەمەلدارلىرى 10-،11-سېنتەبىر كۈنلىرى ئاتالمىش «توردا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش» باھانىسى بىلەن، ئىلى تەۋەلىكىدە ئالتە كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، بىراق جازالانغان كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، غۇلجا شەھىرىدىن بىر كىشى قاتتىق قامالدا ئاچلىق سەۋەبىدىن ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان بىر كىشىنىڭ خەۋىرىنى توردا ئاشكارىلىغانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان. غۇلجا شەھىرىدىن يەنە بىر كىشى ئولتۇراق بىناسىدا توۋلىغانلىقى ئۈچۈن ئاتالمىش «پىدائىيلار»نىڭ ئۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان. يەنە بىر كىشى قاتتىق قامالغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىك باھانىسى بىلەن، «ئاممىنى قارشىلىشىشقا قۇتراتتى» دېگەن تۆھمەت چاپلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان. يەنە بىر كىشى بولسا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، ئاھالىلەرنى بىنادىن چۈشۈپ، خىتاينىڭ ئاچ قويۇپ قامال قىلىش قىلمىشىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرغانلىق باھانىسى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇندىن باشقا قورغاس ناھىيەسىدىن بىر كىشى «توردا پىتنە-ئىغۋا تارقاتتى» دېگەن تۆھمەت بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئاچلىقتا ئۆلۈپ قالغان بىر كىشىنى دەپنە قىلىشقا يول قويمىغانلىقىنى توردا تارقاتقانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان.

خىتاي رېجىمى يەنە يۇقۇم مەزگىلىدە خالىغانچە ئۇچۇر تارقىتىۋاتقانلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى، بۇ خىل دېلولارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەلققە تەھدىت سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1234 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2022 18:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق