گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۈگۈن خىتاينىڭ گوللاندىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، نامايىشچىلار ئاتقان تاشلار ۋە ياققان ئوتلاردىن قورققان خىتاي ساراسىمىگە چۈشتى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان نەزەربەند قىلىش، ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرى ھەققىدىكى سىنلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىماقتا. بۇنىڭغا ماس ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ جىنايىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى. بۈگۈن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى غەزىپىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىدى.
نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇرلار «تېررورچى خىتاي، قىرغىنچىلىقىنى توختات!» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قېنىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دېرىزىلىرىگە قىزىل بوياق ئاتقان. بۇ جەرياندا خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىپ تاش-كېسەكلەرنى ئېتىۋاتقان نامايىشچىلار ئارىسىدىن ئېتىلىپ چىققان بىر ئۇيغۇر ياش خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئوت يېقىلغان بوتۇلكىلارنى ئاتقان، نەتىجىدە ئەلچىخانىنىڭ ھويلىسىدىكى بىر نەچچە يەرگە تېزلا ئوت كەتكەن. بىردەمدىن كېيىن ساقچىلار ئۇنى ئېلىپ كەتكەن ۋە نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتكەن. بىخەتەرلىككە مەسئۇل ساقچىلار ۋەزىيەتنى كونترول قىلىۋاتقاندا، ساراسىمىگە چۈشكەن خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى دەرھال ئوت ئۆچۈرۈشكە باشلىغان.
مەزكۇر نامايىش ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كەڭ تارقالغان بولۇپ، كىشىلەر پىداكارلىق كۆرسەتكەن مەزكۇر ئۇيغۇر ياشنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇشماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ