تەشكىلاتلار بىرلىكى ب د ت نى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 13-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نەزەربەند قىلىپ، ئاشكارا قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلغان 1949-يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، نەچچە مىليون ئۇيغۇر، قازاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، بۇ جەرياندا تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدا يۈز مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتۈلدى.

باياناتتا يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، قىيىن-قىستاققا ئېلىش، نوپۇس كونترول قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرى ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىشىكلىرىنى مەجبۇرىي تاقاپ، يېمەك-ئىچمەك بەرمىگەنلىكى، خەلقنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈشكە باشلىغانلىقى، خىتاينىڭ ئاشكارا ھالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا ب د ت باش كاتىپى ئانتونيو گوتېرېس ۋە يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1277 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2022 16:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق