خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاشكارا قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپلىگەن نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.
13-سېنتەبىر ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاچ قويۇپ، ئاشكارا قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىندى.
گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 11-سېنتەبىر گوللاندىيە پايتەختى ئامستېردام شەھىرىنىڭ دام مەيدانىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇللار بىلەن خەلقنى نەزەربەند قىلىپ، قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار شەرقىي تۈركىستاندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە ئۇچراۋاتقان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى.
شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ شىۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 13-سېنتەبىر شىۋېتسىيە پارلامېنتى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشتا خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش قىلمىشىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىندى.
ئۇندىن باشقا ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ياپونىيە باش ۋەزىرى تۇرۇشلۇق ھۆكۈمەت بىناسى، ئاقساراي قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللاردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە نارازىلىقى بىلدۈردى. نامايىشتا خىتاي رېجىمىنىڭ «ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاچ قويۇپ قىينىغان سۈرەتلەر كۆرسىتىلدى ۋە خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىندى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ