خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى كۈچەپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتايغا توشۇش سالمىقىنى كۈچەيتمەكتە.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 12-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆمۈر بايلىقىنى سىرتقا توشۇپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈرىنى تاشيولدا توشۇشنى تۆمۈريولدا توشۇشقا ئۆزگەرتكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يىخۇا كانچىلىق شىركىتى خىتاينى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 90 مىڭ توننىدىن ئاشۇرغان. نۆۋەتتە مەزكۇر شىركەت يىلىغا 30 مىليون توننا كۆمۈر قازىدىغان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغا قەدەر 19 مىليون توننىدىن ئارتۇق كۆمۈر قېزىپ بولغان.

خىتاي ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارماق شىركەتلىرىگە قاراشلىق كۆمۈر كانلارنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 96 مىليون 900 مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغا قەدەر 50 مىڭ توننىغا يېقىن كۆمۈر قازغان. ئۇندىن باشقا قۇمۇلنىڭ ئاراتۈرك ناھىيەسىگە جايلاشقان جياڭنا كانچىلىق شىركىتى كۈنىگە 100 مىڭ توننىدىن ئارتۇق كۆمۈر قازىدىكەن.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە شەرقىي تۈركىستان بويىچە پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر قېزىش مىقدارى 218 مىليون 356 مىڭ توننىغا يەتكەن. ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە شەرقىي تۈركىستاندىن سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر 40 مىليون 18 مىڭ 700 توننا بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتايغا توشۇش ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 101.41 ئاشقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھەر كۈنى لىق كۆمۈر قاچىلانغان 48 پويىز شەرقىي تۈركىستاندىكى 28 كۆمۈر قاچىلاش نۇقتىسىدىن يولغا چىقىپ، گەنسۇ، سىچۈەن، چۇڭچىڭ، يۈننەن، چىڭخەي قاتارلىق خىتاينىڭ ئۆلكە، شەھەرلىرىگە توشۇپ كېتىدىكەن.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كۆمۈر بايلىقى مىقدارى 450 مىليارد توننا بولۇپ، خىتاي ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارماق شىركىتى شەرقىي تۈركىستان سىرتىدىكى 25 نۇقتىلىق كارخانىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان.

يېقىندىن بېرى خىتاي ۋىرۇسى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا قاراتقان سودا ئېمبارگوسى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاپەتلەر قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك، خىتاي ئىقتىسادىدا چېكىنىش بولغان. خىتاينىڭ قىسمەن شىركەتلىرى ۋەيران بولغان. خىتاي بۇ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1196 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2022 10:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق