خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بىمالال كېلىشى دىققەت قوزغىدى

خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ۋەھشىيلەرچە قامال يولغا قويغان، خەلقنى ئاشكارا قىرغىن قىلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستانغا بىمالال كېلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا سىچۈەن ئۆلكىسى يىبىڭ شەھىرىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ چۆچەك، قاراماي، كۇيتۈن، شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلىرىگە ئاتالمىش «ئىشلەمچى» نامىدا نۇرغۇن ئاققۇن خىتايلارنىڭ كۆچۈپ كەلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

يەنە بىر سىندا بولسا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇدۇ ناھىيەسىدىن خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئوخشاشلا ئاتالمىش «ئىشلەمچى» نامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتاي، گۇچۇڭ، مورى، جىمىسار، قاراماي، چۆچەك قاتارلىق شەھەر ۋە ناھىيەلىرىگە قاراپ ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بىلەن يولغا چىققان كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن. ئۇندىن باشقا 17 سېكۇنتلۇق يەنە بىر سىندا خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ ئاپتوبۇسقا چىقىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، سىندا «شىنجاڭغا پۇل تاپقىلى ماڭدۇق» دېگەن خەتلەر يېزىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر قاتتىق قامال سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تىجارەت ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ توختاپ قېلىپ ئىقتىسادى جەھەتتىن ۋەيران بولغانلىقىنى، ئاچلىقتىن قىرىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋال ئاستىدا خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ تۈرلۈك ناملاردا شەرقىي تۈركىستانغا بىمالال كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋاللار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «يۇقۇمغا قارشى تەدبىرلىرى»نىڭ ئەمەلىيەتتە بىر قىرغىنچىلىق باھانىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 990 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2022 09:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق