خىتاينىڭ ۋىرۇس باھانىسى بىلەن قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئاشكارا قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى، 12-سېنتەبىر خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىشتىراك قىلدى. نامايىش شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سىيىت تۈمتۈركنىڭ سۆزى بىلەن باشلاندى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاشكارا قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جىنايەتلەرنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە ئالدىدا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئىپار خانىم تۈركچە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، يېقىندىن مەزگىلدە يەنە ئاتالمىش «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆيلىرىگە مەقسەتلىك قاماپ قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى، ئادالەت تۇيغۇسى بار دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قارشى ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفىدىن دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول ئىنگلىزچە باياناتنى ئوقۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ جىنايەتلەرنى توختىتىشقا چاقىردى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى ئۇستاز مەھمۇدجان داموللام ئەرەبچە بايانات ئوقۇپ، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىرغىن قىلىنىش ئەھۋالىغا كۆپ سانلىق ئىسلام ئەللىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانلىقىنى، بۇ جىددىي پەيتتە ئىسلام ئەللىرىنىڭ دىنىي قېرىنداشلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن جەۋلان شىرمەمەت، مۆمىنجان ئەپەندىلەر باياناتنىڭ خىتايچە، رۇسچە نۇسخىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىرمۇ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، خىتاينى بۇ جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلغۇزغان ئامىللاردىن بىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە تۈرك دۇنياسىنىڭ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەدىكى ئەركىنلىك جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى زەھرا تۈركمەن خانىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسى بىلەن ئاچ قويۇپ، ئاشكارا قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ بارلىق ئىسلام ئۈممىتىنىڭ نومۇسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نامايىش داۋامىدا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نەزەربەند قىلىپ، ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە چۆمۈچ، قوشۇقلار قازان ۋە قاچىلارغا ئۇرۇپ ئاۋاز چىقىرىلدى. نامايىش ئاخىرىدا دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھنىڭ باشچىلىقىدا خىتاينىڭ ھالاكىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.

خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ شىشلىدە تۇرۇشلۇق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئىشخانىسىغا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلغان ئىسپاتلار يېزىلغان مەكتۇپ سۇنۇلدى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغاندىن بۇيان، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى جىددىي ئىنكاس قايتۇرماقتا. فېيسبۇك، تىۋىتتېردا نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتكە ئالاقىدار سىنلار كۆپ خىل تىلدا تارقىتىلغاندىن باشقا، بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە كۆپلىگەن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكتە ياكى پىلانماقتا.

ئۇندىن باشقا 10-سېنتەبىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باشچىلىقىدا سەفاكۆيگە جايلاشقان فاتىھ جامەسىگە جەم بولۇپ، قۇنۇت دۇئاسى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. يىغىلىشتا ئالدىن بىلەن خىتاي ئىشغالىيەتچى رېجىمى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى. ئارقىدىن ئۆلىمالار ۋە جامائەت ئەربابلىرى سۆز قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھىم قورالى بولغان دۇئانىڭ ئەھمىيىتى، ئۈمىدۋارلىق، پىداكارلىق قاتارلىق تېمىلاردا سۆز قىلدى. ئاخىرىدا ۋىتر نامىزى ئوقۇلۇپ، ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمىنىڭ ھالاكىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زۇلۇم ۋە ئىشغالىيەتتىن تېزرەك قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1443 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2022 17:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق